قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىدا موھىم ئورۇن تۇتىدۇ ، بۇ ئەپسانىلەردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئائىت رىۋايەتلەرمۇ خىلى كۆپ ، بۇلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسىنى سىرلى

قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىدا موھىم ئورۇن تۇتىدۇ ، بۇ ئەپسانىلەردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئائىت رىۋايەتلەرمۇ خىلى كۆپ ، بۇلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسىنى سىرلىق تۈسكە ئىگە قىلغان . ئومومەن قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر كۆپ بولۇپ ، بەزىلەر يۇنان ئەپسانىلىرىدىن ئىلاھ ئاتىسى
زىئوسقا ئاتاپ نەزىر چىراق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەرەللىك ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسى پائالىيىتى دەپ قارىسا ؛ زىئوسنىڭ ئوغلى ھېراكلىسقا مۇناسىۋەتلىك ، دەپ قارايدۇ ؛ يەنە بەزىلەر زىئوسنىڭ نەۋرىسى پىلىپىسقا
مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ .
ئەمىلىيەتتە ، قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئىجتىمائىي
ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 9-8- ئەسىرلەردە ، يۇناندا ئۇرۇقداشلىق جاماسى
ئاستا -- ئاستا يىمىرىلىپ ، تەدىرىجى ھالدا شەھەر دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان قۇلللۇق تۇزۇمدىكى جەمئىيەت
شەكىللەنگەن ، شەھەر دۆلەتلىرى 200 دىن ئارتۇق بولۇپ ، بۇ شەھەر دۆلەتلىرى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈز
گەنلىكتىن ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇش يۈز بېرىپ تۇراتتى . ئۇرۇشنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى بەس- بەستە ئەسكەر تەربىيلىدى . سىپارتادا
ئادەتتە ئوغول بالىغا يەتتە يىشىدىن دۆلەت قارايتى ھەم ئۇلارنى ھەرخىل تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە ھەربىي
مەشىقلىرى بىلەن چىنىقتۇراتتى .تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۇرۇشقا ماھىر ياراملىق ئەسكەرلەرنى يېتىشتۇرۇشنىڭ
ۋاستىسى ئىدى . يۇناندىكى ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىدە كىشىلەر چىنىقىدىغان مەشىق مەيدانلىرىمۇ كۆپ ئىدى .
ئۇرۇش قەدىمكى يۇناندا تەنتەرببىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلىشىغا تۈرۈتكە بولدى ، يەنە بىر تەرەپتىن
كىشىلەر ئايىغى بىسىلماس ئۇرۇشلاردىن بىزار بولۇپ ،تىنىچلىققا ئىنتىزار بولغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن سىپارتا
پادىشاھى بىلەەن ئېلىس پادىشاھى « مۇقەددەس ،ۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى » نى ئىمزالىدى . نەتىجىدە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۇرىدىغان ھەربىي مەشىق بىلەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسى تەدرىجىي ھالدا تىنىچلىق ۋو دوستلۇقنىڭ سىموۋلى بولغان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە ئايلاندى .

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاپ
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-07-09
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ئادىلجان سۇلايمان ھەققىدە
كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى، <<1-ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى.
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن، ئۇ 1996- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئانلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەرنىڭ 10 مېتىردىن كۆچمە نىشانغا ئېتىش
يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى
ساھىل ۋالىبولى26.يەلكەنلىك كېمە27.تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈرلۈك تەنھەرىكىتى28.قورغان توپ29. تەنتەربىيە ئۇسسۇلى30.تەپمە فوكس
شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى پاپۇز مۇسابىقىسى
بىر توپ ياشلار قوللىرىدا باش قىسىمى ئەگرى كالتەكنى تۇتىۋېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن بىر تال ئاق توپنى تالاشماقتا. بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى ھازىرقى زامان خوككىي توپىغا ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ.

يېقىنقى پائالىيەتلەر