ھازىرىقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ چىقتى ، بۇ ھال ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ زور دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى . 1824 - يىلى ، فرانسىيە ئارخىلوگلىرى


ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدە، كىشىلەر تۈرلۈك ئەدەبىيات -سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئولىمپىك روھىنى تەشۋەق قىلدى . 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتورلىرىدا ئىتالىيەلىك دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتچىسى مۇسابىقە روھىنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئېڭىغا سىڭدۇرۇشنى ئاشكارا ئوتتورىغا قويدى . شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئولىمپىڭ مۇسابىقىسى روھى ياۋرۇپادىكى « ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش » ھەرىكىتىنىڭ موھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى . 18 - ئەسىردىكى قەدىمقى يونان مەدەنىيتىنى تەشەببۇس قىلىش دولقۇنىدا ، بىر تۈركۈم ئالىملار ئولىمپىيەگە بىرىپ
تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى .
1776 - يىلى ، ئەنگىلىيەلىك رىچاد چاندېل تۈنجى قىتىمم زىئۇس ئىبادەتخانىسىنى بايقىدى ھەم ئولىمپىك
تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ چىقتى ، بۇ ھال ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ زور دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى . 1824 - يىلى ، فرانسىيە ئارخىلوگلىرى پارىژدا ئولىمپىيەدىن توپلىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى
كۆرگەزىمە قىلىپ ، زور زىلزىلە پەيدا قىلدى .
1832 - يىلى ، گرىتسىيە ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ ، مۇستەقىللىققە ئېرىشتى ، شۇ
چاغدىكى گرىتسىيەنىڭ پادىشاھى گېرمانىيەلىك ئىدى . 1871 - يىلى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ،
گرىتسىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ ، قەدىمكى ئولىمپىڭ تەنتەبىيە مۇسابىقىسى خارابىسىگە قارىتا گېرمانىيە
نىڭلا ئارخىيۇلوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويدى . 1875 - يىلدىن 1881 - يىلغىچە ئولىمپىيەدە
تۈنجى قىتىم سىستېمىلىق ، كەڭ كۆلەملىك قېزىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى ، قەدىمكى ئولىمپىڭ تەنتەبىيە مۇسابىقىسى مەيدانى خارابىسىمۇ دەل مۇشۇ مەزگىلدە بايقالدى .
گرىتسىيەلىكلەر قەدىمكى ئولىمپىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنى مىللەت شان - شەرەپنىڭ سىموۋلى ، دەپ قارىدى ھەم زاباسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1859-،1870-،1875-،ۋە 1889- يىللىرى
تۆت قىتىم « ئولىمپىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزدى .گەرچە مۇسابىقىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ
لېكىن تارىخ نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، بۇ ئولىمپىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قايتا گۈللىنىش مۇقەددىمىسى ئىدى .
شۇ مەزگىللەردە ، ياۋرۇپادا ھازىرىقى زامان تەنتەربىيە ھەرىكىتى بارا-بارا راۋاجلاندى ھەم تۇرلۈك خەلىقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى ، ئالايلۇق ، 1881 - يىلى خەلىقئارا گىمناستىكا باش جەمئىيىتى قۇرۇلدى ، شۇنىڭدىن كېيىن ئون نەچچە يىلدا ، ياۋرۇپانىڭ تەنتەرببىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى ، ئولىمپىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە
كەلتۈرۈش پەيىتىمۇ تەدىرىجىي پىشىپ يىتىلدى . ھازىرىقى زامان ئولىمپىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ
ئاساسچىسى كوبىرتىننىڭ پائال ھەرىكەت قىلىشى بىلەن ، 1896 - يىلى تۈنجى نۆۋەتلىك ھازىرىقى زامان ئولىمپىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى گرىتسىيەنىڭ ئافىنا شەھىرىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك
ئۆتكۈزۈلدى ھەم زامانىمىزدىكى زور تەسىرىگە ئىگە ئىجتىمائىي ، مەدەنىيەت ھادىسىسىگە ئايلاندى .


  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاپ
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-07-08
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ئادىلجان سۇلايمان ھەققىدە
كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى، <<1-ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى.
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن، ئۇ 1996- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئانلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەرنىڭ 10 مېتىردىن كۆچمە نىشانغا ئېتىش
يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى
ساھىل ۋالىبولى26.يەلكەنلىك كېمە27.تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈرلۈك تەنھەرىكىتى28.قورغان توپ29. تەنتەربىيە ئۇسسۇلى30.تەپمە فوكس
شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى پاپۇز مۇسابىقىسى
بىر توپ ياشلار قوللىرىدا باش قىسىمى ئەگرى كالتەكنى تۇتىۋېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن بىر تال ئاق توپنى تالاشماقتا. بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى ھازىرقى زامان خوككىي توپىغا ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ.

يېقىنقى پائالىيەتلەر