ماۋسولۇسنىڭ قەبرىسى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : بولۇپمۇ ئۈچ ئورۇندىكى قاپارتما نەپىس بېزىكى ھەممىدىن قالتىس . بىرىنچى ئورۇندا تەسۋىرلەنگىنى ئات ھارۋىسى ، ئىككىنچى ئورۇندا تەسۋىرلەنگىنى ئايال جەڭچى ئامازۇن ( كىچىك ئاسىيالىق ئايال جەڭچىنى كۆرسىتىدۇ

يىللارنىڭ ئىزى قالمىغان
ماۋسولۇس ئىنگىلىز تىلىدا « قەبرە » ( mausoleum ) دېگەن سۆزنىڭ مەنبەسى . ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ سىموۋلى بولغان بۇ قەبرە ئۇ ئۆلگىچىمۇ پۈتمىگەن ، كېيىن ئۇنىڭ خانىشى بۇ كاتتا قۇرۇلۇشنى ئۇنىڭ ئۈچۈن تاماملىغان ، بۇ قەبرە پۈتىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان ۋە « دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئاجايىپ مەنزىرە » نىڭ قاتارىغا كىرگۇزۇلگەن ، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى مىسىردىكى خوف پىرامىداسى بىلەن بىر قاتارغا قويىدۇ . بۇ تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك قەبرە 50 مېتىرچە ئىگىزلىكتە بولۇپ ، ئىگىزلىكى 20 قەۋەتلىك بىناغا يىقىنلىشىدۇ ، كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشتىن باشقا ، قەبرە ئىچىدىكى ھەيكەلمۇ ئوخشاشلا كىشىنى غەيرەتكە قالدۇرىدۇ . بولۇپمۇ ئۈچ ئورۇندىكى قاپارتما نەپىس بېزىكى ھەممىدىن قالتىس . بىرىنچى ئورۇندا تەسۋىرلەنگىنى ئات ھارۋىسى ، ئىككىنچى ئورۇندا تەسۋىرلەنگىنى ئايال جەڭچى ئامازۇن ( كىچىك ئاسىيالىق ئايال جەڭچىنى كۆرسىتىدۇ - تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى ) نىڭ گىرېتسىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرۈنىشىدۇر . ئۈچىنچى ئورۇندىكىسى لاپىتلارنىڭ يېرىمى ئادەمگە ، يېرىمى ئاتقا ئوخشايدىغان غەلىتە مەخلۇق ( سېنتاۋۇر ) بىلەن ئىلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى . بۇ قەبرە پۈتۈپ 1500 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، بىر نەپەر باش روھانىينىڭ « پادىشاھ ماۋسولوسنىڭ قەبرىسىنى ئىلگىرىمۇ ، ھازىرمۇ بىر ھەقىقىي كۆرۈنۈشتىن ئىبارەت » دەپ يازغىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس .
ئەمما بەندىنىڭ پىلانى تەڭرىنىڭ پىلانىغا توغرا كەلمەپتۇ دېگەندەك ، ماۋسولۇسنىڭ ئەرۋاھى ماكانلاشقا ن يەر مىلادىيە 15 - ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى بىر قىتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان . 1402 - يىلى قەبرە جايلاشقان يەر خالىكارناسسۇ ، باشقىلار تەرىپىدىن ئىستىلاھ قىلىنغان ، ئۆزلىرىنىڭ قەلئەلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماستىنلا قەبرىنى تاش قىزىش مەيدانى قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ماۋسولۇسنىڭ قەبرسى ئۈزۈل كىسىل ۋەيران قىلىۋىتىلگەن ، تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ بالا - قازادىن قۇتۇلۇپ قالغان ئاز مىقداردىكى قاپارتما نەقىش پارچىلىرى ئەنگىلىيە ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن ئىلىپ كېتىلىپ بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىدا ساقلاپ قويۇلغان .
خالىكارناسسۇ شەھىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋاتلىقى ئاللىقاچان يوقالغان كىشلەر ھەتتا ئۇ گۈزەل پادىشاھ قەبرىسى جايلاشقان يەرنىمۇ تاپالمايدۇ ، گەرچە شەھەر ئىچىدىكى مەركىزى مەيداننىڭ خارابىسى يەنىلا ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرىقى ھېسابتا كىشىلەر بۇ يەرنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ ، بەلكى يەنە ئەتراپتا ئۆسكەن ياۋا ئوت - چۆپلەرلا ئىلگىرى بىر مەھەل داڭق چىقارغان بۇ پادىشاھنى ئېسىدە ساقلا ....

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2015-01-20
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر