ئىسپانىيەدىكى پادىشاھ قەبرىسى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : بىر ساپال ئادەم ھەيكىلىمۇ بايقالغان ، بۇ ساپال ھەيكەلنىڭ كېيىنىشى ، تاقىغان بىزەكلىرى چۈمبىلىدىن ئالتۇندىن ياسالغان باش بىزىكى ، ئالتۇن مارجان ئۆتكۈزۈلگەن مىدالىيۇنلار ئىسپان پادىشاھىنىڭكىگە ئاساسەن ئ

مۇچى مەدەنىيىتىنىڭ سەلتەنىتى
سىرلىق يېرى
پېرۇدىكى ئىنكا مەدەنىيىتى ، مىكسىكىدىكى ئازتىك مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى مايا مەدەنىيىتى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ بالدۇرقى 3 چوڭ قەدىمكى ھىندىيان مەدەنىيىتى دەپ ھەممىگە تونۇلغان ، ئەمما ئىسپانىيەدىكى پادىشاھ قەبرىسىنىڭ بايقىلىشى مۇچېلار ياراتقان مەدەنىيەتنىڭ ئىنكا ئېمپېرىيەسىنىڭكىدىن مىڭ نەچچە يىل بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى .....
پېرۇدا جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى بويىچە ئەڭ داڭلىق مەدەنىيەتلەر بارلىققا كەلگەن ، شۇڭا پېرۇ يەنە دۇنياغا نىسبەتەن قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ ، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ دۆلەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇرلاش ھادىسلىرىمۇ ئەۋىج ئالغان ، ھالبۇكى سىپاندىكى پادىشاھ قەبرىسىنىڭ بايقىلىشى كېپەن ئوغرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
1987 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ، پېرۇلۇق ئارخېئولوگ ۋولتېر ئالۋا خەلىقئارا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاراڭغۇ بازىرىدا پېرۇدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولغان ، بەزى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بايقىغان ، ئەمما بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنكا مەدەنىيىتىگە تەۋە ئەمەس ئىدى ، بۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ، ئۇ يەنە بىر موھىم خارابىيلىكنىڭ ئوغۇرلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ، ئىسپاندىن ئىبارەت پېرۇنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز ياقىسىدىكى كىچىك بىر كەنىت دەرھال كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان .
ئىسپاندىكى پادىشاھ قەبرىسى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مانا مۇشۇنداق نامايەن بولغان .
ۋولتېر ئالۋانىڭ ئىسپاندىكى پادىشاھ قەبرىسىنى قىزىشى پۈتكۈل ئارخېئولوگىيە ساھەسىنى زىلزىلگە كەلتۇرگەن ، بىشىدىن پۈتىغىچە ئالتۇن بىلەن ئورالغان ئىسپانىيە پادىشاھىنڭ جەسىتى ، 0.5 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان كىچىك پەپكۈر ، تۇرىقى غەلىتە ئالتۇن نىقاپ . شۇنىڭدەك باشقا سانسىزلىغان ئالتۇن - كۆمۈش بىزەك بويۇملار ۋە ھۈنەر - سەنئەت بويۇملىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە ھۈنەر - سەنئىيتى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇغان .
لېكىن ئىسپانىيەدىكى پادىشاھ قەبرىسىنىڭ ئارخېئولوگىيەگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى يالغۇز مۇشۇ ئالتۇن - كۆمۈش بايلىقلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ بەلكى يەنە بىر ساپال ئادەم ھەيكىلىمۇ بايقالغان ، بۇ ساپال ھەيكەلنىڭ كېيىنىشى ، تاقىغان بىزەكلىرى چۈمبىلىدىن ئالتۇندىن ياسالغان باش بىزىكى ، ئالتۇن مارجان ئۆتكۈزۈلگەن مىدالىيۇنلار ئىسپان پادىشاھىنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشايدۇ . ئوخشىمايدىغىنى ساپال ھەيكەل ئۆز قولىدا ئالتۇندىن ياسالغان بىر ھوقۇق كالتىكى تۇتقان ، دەل مۇشۇ نۇقتا ئامېرىكىدىن كەلگەن ئارخېئولوگلارنى ئىسپان پادىشاھىنىڭ يەنە بىر سالاھىتىنى ، ئىلگىرى نۇرغۇن ساپال قاچىلاردا كۆرۈلگەن « كاللىسى كىسىك پادىشاھ » ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان .
ئىسپان پادىشاھى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇچى مەدەنىيىتى مانا مۇشۇنداق سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقتى ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇچى مەدەنىيىتى توغرىسدا ئالىملار توختىماي بەس - مۇنازىرە قىلىپ كەلگەن ، چۈنكى مۇچىلارنىڭ يىزىق سىسىتىمىسى يوق ، كۆپ ساندىكى كۆمۈلۈپ ياتقان بايلىقلىرىنى ئىسپانىچى مۇستەمچىلىرى ئىلىپ كەتكەن ، ئارخېئولوگلار پەقەت ۋەيرانە خارابىيلىككە ھەم بىر قىسىم ساپال قاچىلارغا ئاساسەن تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا مەجبۇر بولغان .
پېرۇدىكى ئىنكا مەدەنىيىتى ، مىكسىكىدىكى ئارتىك مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى مايا مەدەنىيىتى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ بالدۇر ئۈچ چوڭ قەدىمىي ھىندىئان مەدەنىيىتى ھەممىگە تونۇلغان ئەمما ئىسپانىيەدىكى پادىشاھ قەبرىسىنىڭ بايقىلىشى مۇچىلار ياراتقان مەدەنىيەتنىڭ ئىنكا ئېمپېرىيەسىدىن 100 يىل بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى ، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسى كېيىنكى ئۈچ چوڭ ھىندىئان مەدەنىيىتىدىن قىلچە قىلىشمايدۇ .
ئىسپاندىكى پادىشاھ قەبرىسىنىڭ بايقىلىشى مۇچى مەدەنىيىتى چۈشىنىشىنىڭ بىر سۇ بۆلگۈچى چوققىسى ، لېكىن بىزنىڭ مۇچىلارغا بولغان چۈشەنچىمىز يەنىلا مۈجىمەل ، مۇچى مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ، تەرەققىياتىغا دائىر سىرلارنى ئاخىرىقى ھېسابتا كىم ئاچىدۇ ؟

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2015-01-20
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر