پالېنكۋېدىكى پادىشاھ پاكالنىڭ قەبرىسى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : بۇ پاكالنىڭ بىر خىل بۇۋاق قىياپىتىدە بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغانلىق كۆرۈنىشىنىڭ تەسۋىرلىنىشىمۇ ؟ ياكى پاكال سەكراتقا چۈشكەندە ئاخىرەتتكى بىر غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ كەتكەن بىر غەلىتە مەخلۇقنىڭ

ئابىدىلىك ئىبادەتخانىنىڭ سىرى
سىرلىق يېرى
دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرغان بىر قەدىمىي شەھەر ، ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۇرىدىغان بىر ئوردا ، تاشتىن ياسالغان غايەت زور بىر سىرلىق جەسەت ساندۇقى ، بىر پارچە غەلىتە ھەم چۈشىنىكسىز قاپارتما نەقىش ، مانا بۇ پالېنىچۇدىكى پادىشاھ پاكالنىڭ قەبرىسىدىن ئىبارەت .
« ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئافېنا » دېگەن نامنى پالېنكۋې دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرغان بىر قەدىمىي شەھەر بولۇپ ،ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىگىز ھەم ھەيۋەتلىك قەدىمكى ئىمارەتلىرى بىلەن داڭلىق . ئەمما 19 - ئەسىرگە كەلگەندە ، ئۇزۇنغىچە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن بۇ قەدىمىي شەھەر ئاستا - ئاستا ئويغىنىشقا باشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان .
« قۇياش ئالىيلىرى » پاكال ، پالېنكۋېدىن ئىبارەت ، بۇ شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قالغان بۇ چوڭ پادىشاھنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئارام ئالغام يېرى ھەيۋەتلىك ئابىدىلىك ئىبادەتخانىنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان . يوغان ئابىدە تاشقا غەلىتە شەكىللەر ياكى يىزىق ئويۇلغان . بۇلار شاخمات تاختىسىدىكى شاخمات ئۇرۇقلىرىغا ئوخشاش ، رەتلىك تىزىلغان ، تۇيۇقسىز قارىسا ئادەمنىڭ يۈزىگە ، يەنە غەلىتە مەخلۇقنىڭ يۈزىگە ئوخشايدىغان بولۇپ ، سىرلىق ھەم غەلىتە .
ئابىدىلىك ئىبادەتخانىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرى نۇرغۇن قۇمسىمان لاتقىنى دۆۋلەپ تىندۇرۇلغان ، ئالدى تەرىپىگە قاتمۇقات توسالغۇلار ئورنىتىلغان بولۇپ ، بىرەر نەرسىنى يوشۇرماقچى بولغانغا ئوخشايدۇ . ئۇنداقتا بۇ يەرگە زادى قانداق مەخپىيەتلىك يوشۇرۇلغان ؟
مەخپىيەتلىك پولغا يوشۇرنغانمۇ قانداق ؟ سىرلىق بېزەك نەقىش ئويۇلغان بىر تاش تاختاي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ، كىشىلەر خىلمۇ خىل پەرەز قىلىشقا ۋە ئىزدەشكە كىرىشكەن ، قاتمۇقات توسالغۇلارنى ئىنچىكلىك بىلەن قايرىپ ئۆتۈپ ، قات - قات تۇمان كەبى كارىدۇرلاردىن پەم بىلەن ئۆتۈپ ، ئاخىرى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئاياغ بىسىپ باقمىغان بىر ئۆينى تاپقان ، بۇ دەل پالېنكۋېدىكى پادىشاھ پاكال قەبرىسىدىكى مەخپىي ئوردىدىن ئىبارەت .
ئۇسلۇبى چىرايلىق ، ئادەمنىڭ زۇقىنى كەلتۇرىدىغان تام رەسىملىرى ۋە قاپارتما نەقىشلەرنىڭ قورشاۋىدا ، تاشتىن ياسالغان چوڭ بىر جەسەت ساندۇقى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان . كىشىلەر جەسەت ساندۇقى ئۈستىدىكى نەپىس قاپارتما نەقىشلەرنى سىنجىلاپ كۈزەتكەندە ، ئىختىيارسىز ھالدا تۇمان ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولغان .
نەقىشتىكى يىرىم ياتقان ، بەدىنىنىڭ ئۈستىنكى قىسمى ئالدىغا ئېڭىشكەن ، كۆزلىرى يىراققا تىكىلگەن ، ئىككى قولىنى سوزۇپ تۇرغان بۇ ئەركىشى نىمىنى ئىپادىلەيدۇ ؟ بۇ پاكالنىڭ بىر خىل بۇۋاق قىياپىتىدە بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغانلىق كۆرۈنىشىنىڭ تەسۋىرلىنىشىمۇ ؟ ياكى پاكال سەكراتقا چۈشكەندە ئاخىرەتتكى بىر غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ كەتكەن بىر غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ كەتكەن ئېچىنىشلىق ھالىتىنىڭ ئىپادىلىنىشىمۇ ؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ ئۆلگەندە « قىزىق بىر تىنىق چىقارغان » .ھەيكەل ئادەم قەلبىنىڭ چوڭقۇر يىرىدىكى قورقۇنچ ، ئىچكى كۈچنىڭ يىغىلىشىنى تەپسىلى ئەينەن ئىپادىلەپ بەرگەن .
تېخىمۇ قالتىس يېرى شۇكى ، تەسۋىرىنى ئىنچىكلىك بىلەن كۆزەتسە ، يەنە تېخىمۇ ئاجايىپ مەخپىيەتلىكلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ ، قارىماققا بىر ئادەم مەلۇم بىر ماشىنا مەسىلەن ، ئاپتوموبىل ياكى ئايروپىلاننى باشقۇرىۋاتقانغا ئوخشايدۇ ، ماشىنا سۇيۇر شەكىللىك ئۇچلۇق بولۇپ ، ئالىم كېمىسىنىڭ بۆلۈنمىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ ، قۇيرۇقىدا يەنە يالقۇن پۈركۈلۈپ چىقىپ تۇرىدۇ ، ئەجەبا يىراق قەدىمكى دەۋرىدىكى پالېنكۋېلىقلار ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش پەن - تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنمۇ ؟ئەگەر تەسۋىرلەنگىنى ئۇنداق بولمىسا ، ئۇنداقتا تا بۈگۈنگىچە ئىنسانلار بىلمەي كىلىۋاتقان ، ئۇچۇش ئۈسكىنىسىنى باشقۇرىۋاتقان بۇ ئادەم زادى كىمۇ ؟
دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرغان بىر قەدىمىي شەھەر ، ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۇرىدىغان بىر ئوردا ، تاشتىن ياسالغان غايەت زور بىر سىرلىق جەسەت ساندۇقى ، بىر پارچە غەلىتە ھەم سىرلىق جەسەت ساندۇقى ، بىر پارچە غەلىتە ھەم چۈشىنىكسىز قاپارتما نەقىش مانا بۇ پالېنكۋېدىكى پادىشاھ پاكالنىڭ قەبرىسىدىن ئىبارەت . ئىزدىنىش ، پەرەز قىلىش ، گۇمان قىلىش ، گاڭگىراش ، ئادەمنىڭ قەلبىدە خىلمۇخىل ھېسسىياتلارنى ئۇرغۇتىدۇ . پادىشاھ پاكالنىڭ قەبرىسى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدىنپەي ئويغانغۇسى .

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2015-01-20
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر