كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : ئەگرى - بۈگرى تىزىلغان سەپ شەكلى يوغان يىلاننىڭ ئۇچقاندەك ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ . بەزىلەر ئۇلار يىلان ئىتىقادچىلىقىنىڭ تۇتېمى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان . ئىگىز قۇرام تاشلار يەنە قەبرە تا

ئاسمانغا قاراپ چاقىرىش
سىرلىق يېرى
زىرائەتلەر ئارىسىدا ، دەرەخزارلىقتا ، دېھقان ئۆيلىرىنىڭ ياتلىرىدا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان داڭلىق كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپ رەتلىك ھالدا يىزا - بازارنىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان . ئىلگىرى تەخمىنەن 10000 تال تاش تۈۋرۈكتىن ھازىر پەقەتلا 2471 تاللا قىپقالغان ، لېكىن بۇ 2471 تال تاش تۈۋرۈك يەنىلا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك دەرىجىدە سىرلىق .
لېمانسنايك قۇرام تاش سېپى كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ، 1099 تال تاش تۈۋرۈكنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى مىڭ مېتىر ، كەڭلىكى يۈز مېتىرلىق چاسا سەپ ھاسىل قىلىپ تىزىلغان ، شەرىقتىن غەرىبكە ، 7 مېتىر ئىگىزلىكتىن تەدرىجىي ھالدا 4 مېتىرغا تۆۋەنلىگەن . تاش تۈۋرۈكلەنىڭ تىزىلىشى گەرچە سەل ئەگرى بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئەگرىلىك ئىچىدە ئىپتىدائىيلىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن . بىر قەدىمىي تاش تۈگىمەن لېمانىسايك قورام تاش سېپىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ ، كىىسىلگەن قۇرام تاش سىپىدىكى 540 پارچە قۇرام تاش كىۋادرات شەكلىدە تىزىلغان ،ئاخىرىقى ئۇچىدىكى 39 پارچە قۇرام تاش چىرايلىق چەمبەر شەكىللىك سەپ ھاسىل قىلغان ، چۈشىنىكسىز يېرى شۇكى ، قۇرام تاشلار قانچىكى ئىگىز تىزىلغانسېرى شۇنچە نەپىس تىزىلغان، ئەجىبا بۇ بىرەر سىرنى بىلدۇرەمدۇ ؟
مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4300 - يىلدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1500 - يىلغىچە كارناك تاش تۈۋرۈكلىرى بۇ يەرگە تۈركۈملەر بويىچە تىكلەنگەن . تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ سىلىق سىرتى ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي ئادەملەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ ، نۇرغۇن گىئولوگلار تەبىئىي سەۋەبىنى ئىزدەپ نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەندە ، ئىلاجىسىز ھالدا بۇ پاكىتنى ئىتراپ قىلدى . مەسىلە شۇكى ، ئېغىرلىقى 350 توننىغا يىتىدىغان تاشلار بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قانداق تىكلەنگەن ؟ ئىتتىرىش ،سۆرەش ، دۇمىلىتىش ئارقىلىق بىر قانچە كىلومېتىرىدىكى بىر قانچە ئون توننا تاش ماتىرىيالىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كىلىش ئاسان ئىش ئەمەس . ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇرمۇش كەچۇرۋاتقان ئىپتىدائىي قەبىلىنىڭ مۇشۇنداق كۈچى بارمىدۇ ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن تاشلارنى ئىگىز تىكلەپ سەپ ھاسىل قىلىپ تىزىپ چىققان ؟ تاشلارنىڭ سىرتىدىكى ئاددى نەقىشلەر مەلۇم بىر ئىپتىدائىي قەبىلىنىڭ يېزىقىمۇ - قانداق ؟
ئەگرى - بۈگرى تىزىلغان سەپ شەكلى يوغان يىلاننىڭ ئۇچقاندەك ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ . بەزىلەر ئۇلار يىلان ئىتىقادچىلىقىنىڭ تۇتېمى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان . ئىگىز قۇرام تاشلار يەنە قەبرە تاشلىرىغىمۇ ئوخشايدۇ ، ئەجىبا بۇ يەر قەدىمكى كىشىلەرنىڭ قەبرىستانلىقىمۇ ؟ يەنە بەزىلەر بۇ ئاياللارنىڭ قۇد تېشى ئاياللار ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا ھامىلدار بولالايدۇ دەپ قارىغان ؛ يەنە باشقا ئالىملار بۇ باشقا پىلانىتا ئادەملىرى يەر شارىنى زىيارەت قىلىدىغان ئۇچار كېمە بازىسى دەپ قارىغان ....مەيلى قايسى خىلدىكى پەرەز بولسۇن ، ھېچقايسىسىنىڭ قوللايدىغان دەلىل -ئىسپاتى يوق . بۇ تاش تۈۋرۈكلەر ئاساسسىزلا پەيدا بولۇپ قالغاندەك ، بىزگە بەك كۆپ تىپىشماقلارنى قالدۇرغان . ياۋروپالىقلار ئارىسىدا « مىلادىيە ئىلگىرىكى 56 - يىلى كارناكنى قوغدىغۇچى ئىلاھلار رىملىقلارنىڭ قوغلاپ ئۆلتۇرىشىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ، سېھىرگەرلىك بىلەن رىم ئەسكەرلىرىنى رەت - رەت تاشلار سىېپىگە ئايلاندۇرىۋەتكەن » دېگەن قاراش كەڭ تارقالغان .
تاش تۈۋرۈكلەر توپىغا ئىگىزدىن نەزەر سالسا ، قىزىقارلىق كىرىشتۇرۇلگەن تاش - تۈۋرۈكلەر ئارىسىدىن دۇت تولغىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقاندەك ،ياپيىشىل تاغ - دەريالاردەك كۆرۈنىدۇ . شۇ يەردىكى ئاھالىلەر تاش تۈۋرۈكلەرنى ئۆز تۈرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدىغان بولغان . بۇ « يەر يۈزىدىكى تۈۋرۈك ئورمىنى » ھەقىقەتەن ئارخىئولوگ ئوۋېن خودرىنخوم ئېيتقاندەك : « ئۇ پىرامىدادىنمۇ سىرلىق » .

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2015-01-14
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر