مالتا ئارىلىدىكى قورام تاش سېپى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : موننايادېرا خارابىسى پۈتۈنلەي دەل توغرا ماڭىدىغان بىر قۇياش سائىتىدىن ئىبارەت . 12000 يىل ئىلگىرى بۇ قۇرۇلۇشتا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ئورنى پۇختىلىق بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان .

قەدىمكى دەۋرىدىكى « ھېسابلاش ماشىنىسى »
سىرلىق يېرى
مالتادىكى قورام تاش سېپى قاچان بەرپا قىلىنغان ؟ كىم تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ؟ ئىبادەتخانىمۇ ، قەبرىستانلىقمۇ ياكى ئاتالمىش قەدىمكى دەۋرىدىكى « ھېسابلاش ماشىنىسى » مۇ ؟ بۇنى تەڭرىنىڭ بىلىشىمۇ ناتايىن .
دېڭىز سۈيىنىڭ بىر تامچىسىچىلىك كىچىك ئارال مالتانىڭ بىر كېچىدىلا ياۋروپانىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغىتىشىدىكى سەۋەب ، ئۇ يەردە گىرەلىشىپ كەتكەن قورام تاش سىپىنىڭ بولغانلىقىدىن ئىبارەت .
قورام تاش ئۆي يەر ئاستىغا يوشۇرۇنغان ، ئاستى - ئۈستى ئۈچ قەۋەت ، ئەڭ چوڭقۇر يىرىنىڭ يەر يۈزىدىن چوڭقۇرلۇقى 12 مېتىرغا يىتىدىغان بولۇپ ، خۇددى بىر يەر ئاستى سىرلىق ئوردىسىغا ئوخشايدۇ ، بارلىق تاش ماتىرىياللار بىر قىتىمدىلا ئويۇپ تەييارلانغان ھەيۋەت ھەم نەپىس . دەسلەپتە كىشىلەر ئاددى ھالدا ئۇنى بىر ئىبادەتخانا بولسا كېرەك دەپ قارىغان ، چۈنكى قۇرام تاش سىپىنىڭ ئۆزگىچە لاھىيەلىنىشى ،ئەكىس سادا بۆلۈنمىسىدىكى ئاۋازىنى خۇددى ئىلاھى يارلىقنى جاكارلىغان ئاۋازدەك ، ھەربىر بۇلۇڭ - پۇشقاققىچە تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ، قاراڭغۇ قۇرام تاش ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرسا ، تۇيۇقسىز بىلىنەر بىلىنمەس گەپ قىلىشقان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ ، مەيلى كىم بولسىمۇ قورقۇنچ بىسىپ ، ئىخلاسمەن بىر ئادەم بولۇش نىيىتىگە كىلىدۇ . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي كىشىلەر بۇ يەرنىڭ بىر قەدىمكى قەبرىگە تېخىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان . كەڭلىكى 12 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىك بىر تاش ئۆيگە تەخمىنەن 7000 جەسەت سۆڭىكى قويۇلغان . تارقاق قويۇلغان بۇ جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ باشقا يەردىن يۆتكەپ كىلىنەنلىكى ئېنىق ، بۇ ئىپتىدائىي مىللەتلەرنىڭ بىرخىل دەپنە قىلىش ئۇسۇلى . كىشىنى گۇمانلاندۇرىدىغىنى شۇكى ، مالتالىقلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ زېھىن ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى سەرىپ قىلىشى پەقەتلا بىر قەبرە ياساش ئۈچۈن بولغانمۇ ؟
كىشىلەر تىخى يەر ئاستى ئۆيىدىن ھەيران قىلىپ تۇرىۋاتقاندا ، مالتا ئارىلىدا كۆپ يەردىكى يەر ئۈستى تاش ئىمارەتلەر بايقالدى . ئۇلارنىڭ ياسالغان ۋاقىتلىرى يەر ئاستى تاش ئۆيىنىڭكىدىن كۆپ ئىلگىرى . ھەيۋەتلىك ئاساسىي ئىشىك ، مۇرەككەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيلەر، چوڭ نەزىر - چىراق مىھرابى ، ئىنچىكلىك بىلەن ئويۇپ ياسالغان تاش ھەيكەللەر ... بۇلارنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان ئىپتىدائىي قەبىلە ئادەملىرىنىڭ قولىدىن چىققانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن ، تېخىمۇ ئويلىمىغان يەردىن چىققىنى شۇكى ، موننايادېرا خارابىسى پۈتۈنلەي دەل توغرا ماڭىدىغان بىر قۇياش سائىتىدىن ئىبارەت . 12000 يىل ئىلگىرى بۇ قۇرۇلۇشتا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ئورنى پۇختىلىق بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان . ھالبۇكى بەزى ئىبادەتخانىلار كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنى توغرا ھالدا پەرەز قىلالىغان . ھازىرىقى زاماندىكى ھېسابلاش ماشىنىسىمۇ مۇشۇنچىلىكلا قىلالايدۇ ، خالاس .
مالتادىكى قۇرام تاش سېپى قاچان بەرپا قىلىنغان ؟ كىم تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ؟ نېمە سەۋەبتىن بەرپا قىلىنغان ؟ ئىبادەتخانىمۇ قەبرىستانلىقمۇ ، ياكى ئاتالمىش قەدىمكى دەۋرىدىكى دەۋىر « ھېسابلاش ماشىنىسى » مۇ ؟ بۇنى تەڭرىنىڭ بىلىشىمۇ ناتايىن .

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2015-01-14
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر