ئېئاستېر ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەر

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : تاش ھەيكەللەرنىڭ ئەتراپىدىن غەيرى نەقىشلەر ئويۇلغان ياغاچ تاختاي تىپىلغان ، بۇ بىر غەلىتە ياغاچ تاختاي ئويما بولۇپ ، رونگورونگو دەپ ئاتالغان ، مەنىسى « گەپ قىلالايدىغان ياغاچ » دېگەندىن ئىبارەت ،

چۈشەندۇرگىلى بولمايدىغان روھ
سىرلىق يېرى
ئېئاستېر ئارىلىدىكى دۇنياغا داڭلىق تاش ھەيكەللەرنىڭ شەكلى ئاجايىپ ياسىلىشى كارامەت ، چىرايى يا چوڭقۇر ئويغا پاتقان ھالەتتە ، يا سوغۇق نەزەر بىلەن قاراپ تۇرغان ھالەتتە بولۇپ ، ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇلار قەيەردىن كەلگەن ؟ مەنىسى نېمە ؟ ئۇلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ ، ئويغا سالىدۇ ؛ ئېئاستېر ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەرنى چۈشەندۇرگىلى بولمايدىغان روھ ، يەشمەك تەس بىر سىردۇر .
ئېئاستېر ئارىلى ئۆزىنىڭ تاش ھەيكەللىرى دۇنياغا داڭلىق بۇ ئۈنۈمسىز ، قالاق يەردە ، تەخمىنەن مىڭ دانە « موئەي » دەپ ئاتىلىدىغان ، يوغان تاشتىن ئويۇپ ياسالغان ئادەم ھەيكىلى دۇنياغا كەلگەن . ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ، ئويۇش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن ، ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا پۈتسىز تاش ھەيكەللەردىن ئىبارەت .
تاش ھەيكەللەر ئاساسلىق تاغ باغرى ۋە دېڭىز ساھىلىدە بولۇپ ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدۇ ، قاڭشىرى ئېگىز ، كۆز ئۇۋىسى چوڭقۇر ،ئاغزى دومسايغان ، ئىككى قۇلىقى يوغان ، چىراي ئىپادىسى سوغۇق ، تۇرقى سۈرلۈك ، ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېڭىزغا قاراپ تۇرغان ، خۇددى ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلىنىش ئالدىدا ، ھەممە يۈك - تاقنى تەييارلاپ ، يولغا چىقىشقا ھازىرلانغان قوشۇنغا ئوخشاش ، بەكمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ ، ھەقىقەتەن كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ .
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ، ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يەرنى « دۇنيانىڭ كىنىدىكى » دەپ ئاتايدۇ . بۇ خىل سىرلىق ھەم ھەرقانداق ئويلاپ تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئاتاش ئۇسۇلى تاكى ئىنسانلار ئېگىز بوشلۇققا چىقىپ يەر شارىغا ئىگىزدىن قارىيالايدىغان بولىدىغان چاغدىلا ئاندىن چۈشىنىشلىك بولدى . ئېئاستېر ئارىلى بىپايان تىنىچ ئوكياندا يېگانە ھالدا تۇرغان بولۇپ ، ھەقىقەتەن بىر كىچىك « كىندىك » كە ئوپمۇئوخشاش . ئەجەبا بۇ ئارالنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئاھالىلىرىمۇ ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئارالغا ئېگىز بوشلۇقتىن قاراپ باققانمۇ ؟ ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا يىراق قەدىمكى دەۋرىدە ئۇلار ئېگىز بوشلۇققا قانداق ئۇچۇپ چىققان ؟ كىم قانداق ئۇچۇش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئېگىز بوشلۇققا ئېلىپ چىققان ؟
موئەي ئېئاستېر ئارىلىدىكى ھەممىدىن بەك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ھەم ھەممىدىن بەك كىشىنى شۈبھىلەندۈرىدىغان مەنزىرىدۇر . ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان بۇ يوغان ئادەم ھەيكەللىرى قاچان ئويۇپ ياسالغان ؟ ئۇلارنى ئىنسانلار ياسىغانمۇ ياكى باشقا پېلانىتا ئادەملىرى ياسىغانمۇ ؟ ئۇلار نېمىگە سىموۋۇل قىلىنغان ؟ ئۇلار ئىنسانلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ ھەيكىلىمۇ ياكى ئىلاھلاشتۇرۇلغان ئەجداتلارنىڭ ھەيكىلىمۇ ؟ئۇلارنى ئويۇپ ياساشتىكى مەقسەت نېمە ؟ بۇ توغرىسىدا ھەرخىل پەرەزلەر بولۇپ ، كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ .
سانى كۆپ ھەم يوغان تاش ھەيكەللەر دېڭىز ياقىسىغا قانداق تىكلەنگەن ؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇلار باشقا پېلانىتا ئادەملىرىنىڭ نادىر ئەسىرىمىش . بەلكى بېشىغا كۈن چۈشكەن باشقا پېلانىتا ئادەملىرى ھازىرقى دەۋرىدىن ھالقىپ كەتكەن قورال - سايمانلاردىن پايدىلىنىپ تاش - ھەيكەللەرنى ياساپ يەر شارىدىكى ئىنسانلاردىن ياردەم تىلىگەن بولۇشى مۇمكىن . ئەمما نەق مەيداندىن بايقالغان گال تاش قوراللارنى قانداق چۈشەندۇرۇش كېرەك ؟ نېمە ئۈچۈن يەر شارىدىكى ئىنسانلاردىنمۇ مەدەنىيەتلىك بولغان باشقا پېلانىتا ئادەملىرى قېرىشقاندەك قوپال ئىپتىدائىي تاش قوراللاردىن پايدىلىنىپ تاش ھەيكەللەرنى ياسىغان ؟ بەلكى بۇ ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرى ياراتقان شانلىق مەدەنىيەت بولۇشى مۇمكىن . ئەمما تاش قورال دەۋرىدىكى پولىنېزىيەلىكلەر ئېغىرلىقى بىر قانچە ئون توننا كېلىدىغان يوغان تاش ھەيكەللەرنى قانداق قورالدىن پايدىلىنىپ يۆتكىگەن ؟ ئارالدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ بۇ ئويمىلارنى ئىشلەشكە قانداقمۇ ۋاقتى بولسۇن ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلار « يارالغىنىدىن ئاشۇرۇپراق ياساش ھۈنىرى » نى ئىگىلىگەنلىكىگە كىممۇ ئىشەنسۇن ؟ ھەيكالتاراشلىق بىرخىل سەنئەت ، ئۇ ھامان بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەمما بۇ تاش ھەيكەللىرىنىڭ شەكلىدە پولىنېزىيەلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى يوق ، شۇڭا بۇلارنى ئۇلارنىڭ ياسىغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئۇنداقتا ، ئېئاستېر ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەرنى زادى كىم ئويۇپ ياسىغان ؟
بەزى پۈتمىگەن تاش ھەيكەللەر قانداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن ئۇلارنى ياساش تۇيۇقسىز توختىتىپ قويۇلغان ؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بىر قانچە يۈز يىل ئىچىدە ئېئاستېر ئارىلىدىكى ئاۋاقلار قەبىلىسىدىكلەرنىڭ قامچا ، كويزا - كىشەنلىرى ئاستىدا ئۆلۈمنى بەدەل قىلىپ ئويمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، بۇ ئۇلۇغ بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ، يەتكۈچە ئازاپ چەككەن ئاۋاقلار ئاخىرى بىرلىشىپ ئسىيان كۆتۈرۈپ ، سېمىزلەرنى ئۆلتۈرگەن كويزا - كېشەكلەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ ، ئازاپ - ئوقۇبەتنىڭ سىموۋلى بولغان تاش ئويۇش مەيدانىدىن قىچىپ كەتكەن ، ھەيكەل قۇرۇلۇش ئىشى شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالغان ، ھازىر ئىلىم - پەن ئەينى چاغدىكى ئىش توختاپ قىلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرۇپ ، بەلكى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن تەبىئىي ئاپەت ، مەسىلەن ، يانار تاغ پاتىلاش ياكى يەر تەۋرەش ، دېڭىز تاشقىنى دېگەندەك تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن . دەپ كۆرسەتتى ، راستىنلا شۇنداق بولغانمۇ ؟ بۇ بىزگە نامەلۇم ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە روھقا ئىگە ئۇ تاش ھەيكەللەر بۇنى بىزگە ئۆزلىرى ئېيتىپ بېرەر .
تاش ھەيكەللەرنىڭ ئەتراپىدىن غەيرى نەقىشلەر ئويۇلغان ياغاچ تاختاي تىپىلغان ، بۇ بىر غەلىتە ياغاچ تاختاي ئويما بولۇپ ، رونگورونگو دەپ ئاتالغان ، مەنىسى « گەپ قىلالايدىغان ياغاچ » دېگەندىن ئىبارەت ، ئۇنىڭدا بېلىققا ئوخشايدىغان ، قۇشقا ئوخشايدىغان يەنە ئوت - چۆپ ، دەل - دەرەخلەرگە ۋە كېمە پالىقىغا ئوخشايدىغان سىرلىق نەقىشلەر ئويۇلغان ، بۇ زادى يېزىقمۇ - ئەمەسمۇ ؟ ئۇ يەنە بىزگە نېمىنى ئۇقتۇرماقچى ؟ بۇ سىر تا بۈگۈنگە قەدەر تېخى يىشىلگىنى يوق .
رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئېئاستېر ئارىلىدىكى مەدەنىيەت ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان ، تاش ھەيكەللەرنى ياساش سۈپىسىنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىدە ناچارلشىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ، ئورمانلار قۇرۇپ دەريالارنىڭ سۈيى قۇرۇپ كەتكەن ، بارلىق ھايۋانلار ۋە دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ، كىشىلەر ئوموميۇزلۇك ھالدا ئاچارچىلىق ھالىتىدە قىلىپ ، ئۆزلىرى تاپالايدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ، يەنى جۈملىدىن ئارالدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان ئادەمنى يېگەن . پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇرۇش مالمانچىلىقى ئىچىگە چۈشۈپ قالغان ، ئاچارچىلىق ئۇرۇش مالمانچىلىقىنى بېشىدىن كەچۇرۇپ ، ئارالدىكى ئاھالە ناھايىتى ئاز قالغان ، مەدەنىيەت زۇۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ئاخىرىدا يوقالغان .
شەرقىي جەنۇبىي تىنىچ ئوكياندىكى بۇ يىگانە كىچىك ئارال ،گەرچە يەر شارىنىڭ شۇ قەدەر كىچىك بىر دائىرىسى بىلەن چەكلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان بىرخىل مەدەنىيەتنىڭ روشەن دەلىل - ئىسپاتىدۇر . سىرلىق تاش - ھەيكەللەر نېمىنىڭ سىموۋلى ؟ ئۇلارنى كىم ياسىغان ؟ ئۇ چۈشىنىكسىز بەلگىلەر قانداق بىر خىل ھىسسىيات ، ئىدىيە ۋە قىممەتنى ئىپادىلىمەكچى ؟ ئېئاستېر ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەرنىڭ سىرى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە دىققىتىنى قوزغىماقتا .
ئېئاستېر ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەر دېڭىز تەرەپكە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان بولۇپ ، ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك ، ئۇلار نېمىنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟ يەنە نىمىلەرنى كۈتۈۋاتقاندۇ ؟ بەلكىم ، ئۇلار روھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ، ئىنسانلارنىڭ كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ سىرلىق شىفىرىنى يېشىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2015-01-14
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر