نەمرۇت تېغى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : ئۇ ئۆلگەن چىغىدا 57 ياشقا كىرگەن ، ئوخشاشلا ئۇنىڭ چىرايلىق خۇتۇنى ئېرى بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان چاغدا ئىلگىرىكلىگە ئوخشاش گۈلدەك چىرايلىق تۇرغان ،بۇ پادىشاھنىڭ قىرىماسلىق ئۇسۇلى كوموكىننىڭ مەڭگۇ قىز

ئادەم بىلەن ئىلاھ بىللە تۇرۇش
سىرلىق يېرى
ئادەم بىلەن ئىلاھ بىللە تۇرغان نەمرۇت تېغىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ كۆرۈنۈشى ھەشەمەتلىك سۈرلۈك ھەيۋەتلىك ھەم يەنە سىرلىق تۈسكە ئىگە بولۇپ ، ئىلاھنىڭ باقى دۇنيادا تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلىقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ . ئانتىئوكوس 1 نىڭ قەبرىسى تارىخنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ ئارىسىدا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن .
نەمرۇت تېغى كوموكىن پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھ ئانتىكۇس 1 نىڭ قەبرىسى سەۋەبىدىن داڭق چىقارغان ، ئانتىكۇس 1 نىڭ تاغنىڭ ئۈستىگە قەبرىسىنى ياساتقۇزغان ھەم قەبرە ئەتراپىغا ئىككى رەت ھەيۋەتلىك ئىلاھ ھەيكەللىرىنى ياسىتىپ ، ئۆزىنىمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇپ ، ئىلاھلار بىلەن بىللە كىشىلەرنىڭ سەجدىسىنى قۇبۇل قىلغان . يوغان تاش ھەيكەللەر سۇرلۈك ھالدا بۇ تاغ چوققىسىنى ساقلاپ ، ئادەم بىلەن ئىلاھ بىللە تۇرغان ، بۇ قەبرىستانلىق ھەيۋەتلىك ھەم يەنە سىرلىق تۈسكە ئىگە .
رىۋايەت قىلىنىشىچە ، تارىختىكى چوڭ ئىش قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن ئەمما جىڭغا توختىمايدىغان بۇ پادىشاھ ئۆلۈش ئالدىدىكى ئاشۇ ۋاقىتتىمۇ يەنىلا ياش ، كىلىشكەن چىراي تۇرۇقىنى ساقلاپ تۇرغان ، ھالبۇكى ئۇ ئۆلگەن چىغىدا 57 ياشقا كىرگەن ، ئوخشاشلا ئۇنىڭ چىرايلىق خۇتۇنى ئېرى بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان چاغدا ئىلگىرىكلىگە ئوخشاش گۈلدەك چىرايلىق تۇرغان ،بۇ پادىشاھنىڭ قىرىماسلىق ئۇسۇلى كوموكىننىڭ مەڭگۇ قىزىقى تۈگمەيدىغان سىرلىق رىۋايىتىگە ئايلانغان .
قەبرە مۇقەددەس سىرلىق بولىدۇ ، پادىشاھنىڭ قەبرىسى كىشىنى تېخىمۇقىزىقتۇرىدۇ ، گۆردىكىسى زادى نېمە ؟ زادى ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۇرىدىغان جەسەت سۆڭەكلىرىمۇ ياكى سانسىزلىغان قىممەتلىك بايلىقلارمۇ ؟ ھەشەمەتلىك يولمۇ ياكى كەلگۇسىگە تۇتاشقان ۋاقىت تونىلىمۇ ؟ قىزىققان ئىنسانلار دائىم ھەمىشە يىراق قەدىمكى زاماننىڭ سىرلىرىنى ئاچماقچى بولىدۇ ، تۈركۈم - تۈركۈم كىشىلەر بۇ يەرگە كىلىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىرلارنى يەشمەكچى بولۇشىدۇ .
ئامېرىكا ئارخىئولوگلىرى يېڭى تېپتىكى ، ھەمدە ھازىرىقى زامان كىشىلەرنىڭ قورققۇسىنى كەلتۇرىدىغان قورال - پارتلاتقۇچ دورىنى ئىلىپ كەلدى . ئەمما ، پارتىلاتقۇچ دورا بۇ گۆرىنى پارتىلىتىپ ئاچالمىدى ، پەقەتلا ئۇنى 50 سانتىمىتىر پاكارلاتتى ،يەنە ئويلاپ باقمىغان يەر تەۋرەشنى كەلتۇرۇپ چىقاردى ، ئىلاھ باقىي دۇنيادا تۇرۇپ كىشىلەرنى ئۆزىنى پۇشايمان قىلدۇرىدىغان قارارىنى چىقارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۋاتقاندەك قىلىدۇ .
نەمۇت تېغىدا يەنە گۆر تەكشۇرگۇچىلەرنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاش بىلەنلا جان - پېنى چىقىپ كېتىدىغان ھالقا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بىر قاتىل - كاتېرى دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل چايان بار ، ئۆسۈپ كىرگۇچىلەر بايقالسىلا ، نىشاننىڭ خەتەرلىكلىكىنى جەزىملەشتۇرگەندىن كېيىن ، شۇئان كۆزلىرى قىزىللىققا تولغان ، تەرەپ - تەرەپتىن داۋانلىق ئېتىلىپ كىلىدۇ - دە ، بىر قانچە سىكۇنىتتىلا ئۇنى قورشىۋالىدۇ ، ئاندىن ئۇنى بۈتۈۋېتىدۇ ، نۇرغۇن ئاچكۈز ئادەملەر ئۇلارنىڭ قورشاۋىدا جىنىدىن ئايرىلىپ ، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئاپئاق سۆڭىكى قىپقالغان .
نەمرۇت تېغىدىكى ئادەم ئىلاھى بىلەن بىللە تۇرغان قەبرە سىياسى جەھەتتە قىلچە تۆھپىسى يوق دېگۇدەك بىر پادىشاھنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ ، تارىخ بىتىدىن مەڭگۇ ئورۇن ئالغۇزغان ، پادىشاھ سەلتەنەتلىك ھالدا ئىلاھلار بىلەن بىللە ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىلىقىدا مەڭگۇ ساقلىنىپ تۇرىدۇ . نۇرغۇن يىللىق سىناقلارنى باشتىن كەچۇرۇپ ئانتىئوكۇس 1 نىڭ قەبرىسى ئاللىقاچان خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن ، ئەمما ئۇنىڭ ھەشەمەتلىكلىكى ۋە ھەيۋەتلىكلىكى يەنىلا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
كەچكى قۇياش غەرىبكە قىيسالغاندا ، نەمرۇت تېغىدىكى قەبرە پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ نۇرىدا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە سىرلىق كۆرۈنىدۇ ، ئۇ تاغدا داۋاملىق ئۇخلاۋەرسۇن ، تارىخنىڭ ئۇزۇن جەريانىدا داۋاملىق جىمجىت يىتىۋەرسۇن .

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2015-01-13
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر