تىكال

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : بۇ يەردە ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ ئىگىز پىرامىدا بار ، پىرامىدا ئىبادەتخانىلار خۇددى ئاسمان پەلەك بىنالاردەك بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسا ، ئەتراپتىكى ئىپتىدائىي ئورمان قارا


تەڭرىنىڭ پەس ئاۋازدا چاقىرىشى
سىرلىق يېرى
تىكال « تەڭرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان جاي » تەڭرىنىڭ ھىمايىسىدىن مەھرۇم بولۇپ ، ئىرماش - چىرماش شاخ - شۇڭلارنىڭ ئارىسىدا تەنھا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا .
نىكال بىپايان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا بايقالقان بىر ئىبادەتخانا خارابىسى ، ئۇ مايا مەدەنىيىتى مەنبەسىنىڭ نۇر ھالقىسىنى تاقاپ مىلادىيە 800 -يىلدىن 900 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تاشلىۋىتىلگەن ، نىكال « تەڭرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان جاي » ، تەڭرىنىڭ ھىمايىسىدىن مەھرۇم بولۇپ ئىرماش - چىرماش شاخ - شۇخلارنىڭ ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا .
تىكالدىن چوڭ - كىچىك 300 پىرامىدا پۈتۈنلەي چەكسىز قويۇق ئورمان ۋە يوغان شاخ - شۇڭ تەرىپىدىن قاتمۇقات ئورىلىپ تۇرىدۇ ، پرامىدالار تىپىك مايا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ، گەۋدىسى قىيپاش كىسىلگەن كۈنۈس شەكلىدە ، چوڭ سۇپىسىمان ئۇلى باسقۇچمۇباسقۇچ ئېگىزلەپ بارىدۇ ، چوققىسىدىكى ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانا ئىنتايىن سۈرلۈك ، تىكالدىكى بارلىق قۇرۇلۇشلەرنىڭ ھەممىسى تاشتىن ئويۇپ ياسالغان ، ئەقىل - پاراسەتلىك مايالار ناھايىتى بۇرۇنلا يۇقىرى بىناكارلىق سەنئىتىنى تىكلىگەن ، بەلكى مايالار راستىنلا باشقا پىلانىتادىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، ئۇنداق بولمىسا ئۇلار ئاستىرونۇمىيەلىك ھادىسىلەرنى قانداقسىگە مۇكەممەل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىغا سىڭدۇرىۋىتەلەيدۇ ؟
بۇ يەردە ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ ئىگىز پىرامىدا بار ، پىرامىدا ئىبادەتخانىلار خۇددى ئاسمان پەلەك بىنالاردەك بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسا ، ئەتراپتىكى ئىپتىدائىي ئورمان قاراڭغۇ ۋە تۇتۇق كۆرۈنىدۇ يىراقتىكى قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدۇ ، ئادەم گويا تەڭرىنىڭ پەس ئاۋازدا چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ ، ئىختىيارسىز ھالدا قورقۇپ تىنى شۈركىنىدۇ ، ئاسماندىن پەسكە قارسا پىرامىدالارنىڭ چوققىسى قويۇق ئورمان ئارىسىدا گاھ كۆرۈنۈپ ، گاھ كۆرۈنمەي قالىدۇ، ئالىچىپار تاشلارغا يىلانلارنىڭ ئىزلىرى ئويۇلغان ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تىكال ئاسىيا قىتئەسىدىكى كامبودژانىڭ ئاڭكور قەدىمكى شەھىرىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ ، ئىلگىرى بەكمۇ ئاۋاتلاشقان بىر قەدىمىي شەھەر بۈگۈنكى كۈندە مانا مۇشۇنداق ھۇۋۇلداپ قالغان ، قانداق سىر ئۇلارنى مانا مۇشۇنداق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ؟
تىكال قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدا تەخمىنەن 3000 قۇرۇلۇش بار ، بۇ ھەممىسى ئەمەس ، تېخىمۇ كۆپىرەكى يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ تۇرغان بولۇپ ،كىشىلەرگە تېخى نامەلۇم ، دۇنياغا داڭلىق چوڭ قاپلان ئىبادەتخانىسى ، ئاددى ۋە مەردانە رەسىملەر ، چۈشەندۇرۇپ بەرگىلى بولمايدىغان يىزىق ، رەھىمسىزلەرچە تىرىك ئادەمنى قۇربانلىق قىلىش ، غەلىتە ئىسكىلىت ۋە سۆڭەكلەرنىڭ نەقىشلىرى ، ئامېرىكا يولۋىسىنىڭ نەپىس قاشتاش ئويمىسى قاتارلىقلار ، بىز تا بۈگۈنگە قەدەر مايالارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە نەزىر - چىراق ئادەتلىرىنى يەنىلا ئېنىق بىلەلمىدۇق .
دەھشەتلىك ئۇرۇش ، ئاپەت خاراكتىرىلىك كىلىمات ، سۇ مەنبەسىنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىقلار تىكالنىڭ تاشلىنىپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن لېكىن بىز مايالارنىڭ پىرامىدالارنى قانداق ياسىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزغا ئوخشاشلا مايالارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتخانىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز ، بارىلىق پەرەزلەرنى قوللايدىغان دەلىل - ئىسپات يوق ، ھەرخىل چۈشەندۇرۇشلەر زورلاپ تاڭغاندەك بىلىنىدۇ . بىر خىل ئۇلۇغ مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىق ئىزلىرى كىشىنى خۇرسىندۇرىدۇ ، قويۇق ئورمانىنىڭ ئىچىدىكى تىكالنىڭ بىز پەقەت سىرتقى كۆرۈنىشىلا كۆرەلىدۇق ، ئەمما ئۇنىڭ ماھىيىتىگە يىقىنلىشالمىدۇق .

  • يوللىغۇچى : نىلۇفەر
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2015-01-13
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر