سىز« ئۆسۈملۈكلەر قاتىلى » دەپ ئاتىلىدىغان ئامبىروزىيە ئوتىنى بىلەمسىز ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : مايسا مەزگىلىدىن تارتىپ گۈلى ئېچىلغۇچە تۈپنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ . ئامبىروزىيە ئوتىنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا ، ئۇنىڭ گۈل چېڭى شامالغا ئەگىشىپ يۆتكىلىپ ، مۇھىتنى بۇلغاپ مەلۇم ئادەملەردە

ئامبىروزىيە ئوتى بىر خىل ياۋا ئۆسىدىغان ، يامان سۈپەتلىك ئوت . ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى شىمالىي ئامېرىكا بولۇپ ، ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلغان زىيانلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ « ئۆسۈملۈكلەر قاتىلى » دېگەن نامى بار . ئۇ قوش پەللىك ئۆسۈملۈكلەر ئەترىتى جۈخار گۈلى ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ ، بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 40 تىن ئارتۇق تۈرى بار ، مەملىكىتىمىزدە ئىككى خىل تۈرى بار . شەرقىي شىمالدا يېرىلغان ئۈچ يوپۇرماقلىق ئامبىروزىيە ئوتى كۆپ ئۆسىدۇ . ئامبىروزىيە ئوتى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . يېرىلغان ئۈچ يوپۇرماقلىق ئامبىروزىيە ئوتىنىڭ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ . ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان بولۇپ ، ئۈچ يېرىدىن يېرىلغان ، ئادەتتىكىسىنىڭ ياندىشىپ ئۆسىدۇ ، يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلغان بولىدۇ . مايسا مەزگىلىدىن تارتىپ گۈلى ئېچىلغۇچە تۈپنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ . ئامبىروزىيە ئوتىنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا ، ئۇنىڭ گۈل چېڭى شامالغا ئەگىشىپ يۆتكىلىپ ، مۇھىتنى بۇلغاپ مەلۇم ئادەملەردە رېئاكسىيە خاراكتىرلىك زىققا ، بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق رېئاكسىيە خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . كېسەللىك پەيدا بولۇشتىن ئاۋۋال ، بۇرۇن ، كۆز قىچىشىش ، چۈش كۈرۈش ، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش ۋە يۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . كېسەللىك پەيدا بولغاندا ، بىمار ئۆزىنى نەپىسى قىسىلغاندەك ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ . ئايرىم بىمارلاردا ئۆپكە گازلىق ئىششىقى كۆرۈلىدۇ . ئامبىروزىيە ئوتى ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالغاندىن باشقا ، يەنە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگىمۇ ناھايىتى ئېغىر زىيان سالىدۇ . بۇ ئوتنىڭ ئۆسۈشى تېز ، تۈپى ئېگىز بولغانلىقتىن ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ھوسۇل ئالغىلى بولماسلىقتەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەملىكىتىمىزنىڭ لىياۋنىڭ ، شەندۇڭ ، جياڭسۇ ، شاڭخەي ، جېجياڭ قاتارلىق جايلىرىدا مۇشۇ خىلدىكى ھادىسە كۆرۈلدى . ئامبىروزىيە ئوتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، ئامېرىكا ، مېكسىكا ، رۇسىيە ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەر يىلى كۆپ مىقداردا مەبلەغ سالغان بولسىمۇ ، ئەمما تا بۈگۈنگىچە ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلالمىدى . بىز ئامبىروزىيە ئوتىنىڭ ھەقىقىي زىيىنىنى ئېنىق ئايرىپ ، ھەرىكەتكە كېلىپ ئاممىنى ئاكتىپ قوغداپ ، بۇ خىل ئوتنى يوقىتىپ مۇھىتنى ساپلاشتۇرايلى .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-28
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر