قىزىل ياغاچ ئۆي جاھازىلىرىنىڭ قايسى ياغاچ ماتېريالىدىن ياسالغانلىقىنى بىلەمسىز ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : ئۇ بىر خىل قىزىل سەندەل دەرىخى دېگەن ئۆسۈملۈكتىن كەلگەن ، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ياغاچ ماتىريالىنىڭ رەڭگى قىزىل قوڭۇر رەڭ بولۇپ ، ئۇ ھەقىقىي قىزىل ياغاچنىڭ ماتىريالىدۇر . ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىد

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ، ئائىلىدىكى كىرىسلو ، كىيىم ئىشكابى قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسى ئېشىشقا باشلىدى . كىشىلەر ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى .
جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قىزىل ياغاچ ئۆي جاھازىلىرى ھازىرقى زامان مودا تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى . قىزىل ياغاچ ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ياساش ئۇسلۇبى ناھايىتى ئۆزگىچە . ئەڭ مۇھىمى ، ياغاچ ماتىريالىنىڭ ئەلا ، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ ئىنچىكىلىكى ، شەكلىنىڭ ھەرخىل ، كۆركەملىكى ،
قەدىمىي رەڭ ۋە قەدىمىي پۇراق كىشىلەرنىڭ تەبىئەتكە قايتىپ، ئەنئەنىۋىيلىكتىن ھۇزۇر ئېلىشتەك پىسخىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ . ئۇنداقتا قىزىل ياغاچلىق ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ماتېريالى قايسى ئۆسۈملۈكتىن كەلگەن ؟ ئۇ بىر خىل قىزىل سەندەل دەرىخى دېگەن ئۆسۈملۈكتىن كەلگەن ، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ياغاچ ماتىريالىنىڭ رەڭگى قىزىل قوڭۇر رەڭ بولۇپ ، ئۇ ھەقىقىي قىزىل ياغاچنىڭ ماتىريالىدۇر . ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىدە ئۇ كېپىنەكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈكتۇر . ئۇنىڭدىن باشقا ، قىزىل سەندەل دەرىخىگە يېقىن ئۆسۈملۈكلەردىن ئورموزىيە دەرىخى ، سېرىق سەندەل دەرىخى قاتارلىقلار بار ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۆي جاھازىلىرى ياسىلىدۇ ، پەقەت رەڭگىلا ئوخشىمايدۇ ، ھازىر ھەقىقىي قىزىل ياغاچلىقئۆي جاھازىلىرىنى تاپماق تەس ، بار بولسىمۇ باھاسى ئىنتايىن قىممەت .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-28
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر