دۇنيادا يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى يوق ئۆسۈملۈك بارمۇ ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : گاستىرودىيە ئوتى گۈلى ئېچىلىپ مېۋە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ، يەر ئاستى تۈگۈنەك غولى ئاستا - ئاستا قېرىپ چۈشۈپ كېتىدۇ . تاتلىق ھالقىسىمان زەمبۇرۇغ ھۈجەيرىسى چۈشۈپ قالغان گاستىرودىيەنىڭ تۈگۈنەك غولىدىك

ئادەتتكىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يىلتىز ، غول ، يوپۇرماق قاتارلىق ئوزۇقلۇق توشۇش ئەزالىرى ۋە گۈل ، مېۋە قاتارلىق كۆپىيىش ئەزالىرى بار . زەمبۇرۇغ ، يۈسۈن ، مۇخلار ۋە لىشاينىك قاتارلىق يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى يوق ئۆسۈملۈكلەردىن باشقا يەنە يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللار مەۋجۇت . ئۇلارنىڭ مورفولوگىيەسى ، تۈزۈلۈشى ۋە فىزولوگىيەلىك ئىقتىدرىنىڭ ئۆزگۈرىشى تۈپەيلىدىن ، يوپۇرمىقى بىلەن يىلتىزىنىڭ ئىقتىدارى چېكىنگەن . ياۋا گاستىرودىيە ئوتى ( تۈلكە مايىقى ئائىلىسى ) قومۇشلۇق ، قاراڭغۇ ، نەم ئورمانلىق ئىچىدە ئۆسىدۇ . ئۇلار قۇياش نۇرى ، ئوغۇت قاتارلىق نەرسىلەرنى كېرەك قىلمايدۇ ، ياڭيۇدەك چوڭلۇقتا ئۆسىدۇ . ئادەتتە ئۆلگەن شاخ-شۇمبا ، تۆكۈلگەن يوپۇرماق كۆمۈلگەن تۇپراق قەۋىتىدە نىسبەتەن كۆپ بولۇپ ، ئادەملەرئۇنى بىلمەيدۇ.
ئەتىياز ئۆتۈپ كەلگەندە ، ياۋا گاستىرودىيەنىڭ بىخى يەر ئاستىدىن يەر ئۈستىگە قاراپ ئۆسىدۇ ، يوپۇرمىقى بولمايدۇ ، تۈپتۈز غول شەكىللەندۈرىدۇ ، غول ئۇچىدا نۇرغۇن قويۇق باشاقسىمان كىچىك گۈلى بولىدۇ (گۈلنىڭ مورفولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى كەتران گۈلىگە بەك ئوخشايدۇ ) . گۈلى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن ، پىيزەك شەكلىدىكى مېۋىسى ھاسىل بولىدۇ. مېۋە ئىچىدە نۇرغۇن پىشقان ئۇرۇقچە بولىدۇ. بىر دانە مېۋىسى 10 مىڭ تالدىن ئارتۇق ئۇرۇق ھاسىل قىلىدۇ .
جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى بولغان گاستىرودىيە ئوتى بولسا گۈلى ئېچىلىدىغان گاستىرودىيە ئۆسۈملۈكىنىڭ يەر ئاستىدىكى تۈگۈنەك غولى بولۇپ،بىز ئادەتتە جۇڭيى دورا دۇكىنىدا كۆرگەن گاستىرودىيە ئوتى قۇرۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۈگۈنەك غولدىن ئىبارەت . ئۇنىڭ ئۈستىدە ھالقىسىمان تارقالغان نۇرغۇن ئىنچىكە يۇمىلاق چېكىت لەر بولىدۇ . بىخنىڭ ئۇچى ۋە يېقىن ئەتراپتا نۇرغۇن چېكىنگەن يوپۇرماق شەكىللەندۈرگەن تەڭگىسىمان قاسراق ياكى بىخ قاسراقچىسى بار . بىخ بىلەن ئۇدۇل بولغان يەنە بىر ئۇچتا يىلتىزغا ئوخشايدىغان تۈزۈلۈش بار، پۈتۈن تۈپتىن يىلتىز تاپقىلى بولمايدۇ .
دەرۋەقە گاستىرودىيە ئوتىنىڭ يەر ئۈستى قىسمىدا يوپۇرمىقى بولمايدۇ ، شۇڭا فوتوسېنتېز ئېلىپ بارالمايدۇ ، شۇنداقلا يەر ئاستى قىسمىدىمۇ يىلتىزى بولمايدۇ . سۇ ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنى سۈمۈرەلمەيدۇ . ئۇنداقتا گاستىرودىيە ئوتى قانداق ئۆسىدۇ؟ بوتانىكا ئالىملىرى مىكروسكوپنىڭ ياردىمىدە گاستىرودىيە ئوتىنى يېرىپ كۆزەتكەن ھەم كىچىك گاستىرودىيە ئوتىنىڭ تۈگۈنەك غولى ھۈجەيرىسى ئەتراپىدا ۋەھۈجەيرە ئىچىدە ئۇزۇن تۇربىسىمان زەمبۇرۇغ ، زەمبۇرۇغ يىپچە ھۈجەيرىسى ئۆسىدىغانلىقىنى بايقىدى . بۇ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن ، مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا ، رەڭگى ھەسەلگە ئوخشاش بىر تال - بىر تال كىچىك قېرىنقۇلاق شەكىللىنىدۇ . بۇ ياۋا گاستىرودىيە ئوتىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان تاتلىق ھالقىلىق زەمبۇرۇغدىن ئىبارەت . كۆپچىلىككە مەلۇمكى ، زەمبۇرۇغنىڭ كۆپىنچىسى چىرىگەن ياغاچ، قۇرۇپ قالغان شاخ ۋە يوپۇرماقنى ئوزۇق قىلىدۇ . تاتلىق ھالقىسىمان زەمبۇرۇغنىڭ زەمبۇرۇغ يىپچە ھۈجەيرىسى مۇشۇ ئورگانىك ماددىلاردىكى ئوزۇقلۇقنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى باقىدۇ . گاستىرودىيە ئوتى گۈلى ئېچىلىپ مېۋە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ، يەر ئاستى تۈگۈنەك غولى ئاستا - ئاستا قېرىپ چۈشۈپ كېتىدۇ . تاتلىق ھالقىسىمان زەمبۇرۇغ ھۈجەيرىسى چۈشۈپ قالغان گاستىرودىيەنىڭ تۈگۈنەك غولىدىكى ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ تېنىنى ئۇزارتىپ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ . بۇ ئىككى خىل جانلىقنىڭ ئۆزئارا ياردەم ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش مۇناسىۋىتى بىيولوگىيە ئىلمىدە بىللە ياشاش دەپ ئاتىلىدۇ . جانلىقلار ئارىسىدىكى بىللە ياشاش مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىللىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-28
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر