جۇڭيى دورا ماتىريالى بولغان ئېۋكوممىيە دەرىخىنى ئۆستۈرۈپ كۆپ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولامدۇ ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : ئېۋكومىيە دەرىخى بىر خىل قوۋزىقى دورا ماتىريالى قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك . جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇ بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ، پەيلەرنى چىڭىتىش ، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ . بۇ داۋالاش ئ

ئېۋكومىيە دەرىخى بىر خىل قوۋزىقى دورا ماتىريالى قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك . جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇ بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ، پەيلەرنى چىڭىتىش ، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ . بۇ داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان دورىلىق ئۆسۈملۈك .
ئىلگىرى بۇ دەرەخنى ئۆستۈرگەندە ، 8 يىللىق بولغان دەرەخلەر كىسىۋېلىنىپ ، قوۋزىقى سويىۋېلىنىپ ، دورا ياسىلىپ ، يەنە يېڭىدىن مايسا يېتىشتۈرۈلەتتى ، بىر قېتىم تېرىلىپ ھوسۇل ئېلىشقا 8 يىلدىن كۆپ ۋاقىت كېتەتتى . چۈنكى 8 يىلغا توشمىغان ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس دەپ قارىلاتتى ھەم مەھسۇلاتىمۇ تۆۋەن ئىدى . دېمەك ، بۇ خىل دورا ماتىريالىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى .
ئامال قىلىپ ئىۋكوممىيە دەرىخىدىن كۆپ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولامدۇ - بولمامدۇ ؟ بەزىلە ئېۋكوممىيە دەرىخىنى ئۆستۈرۈپ سەككىز يىلدىن كېيىن دەرەخنى كەسمەي قوۋزىقىنى سويىۋالغان ، قوۋزاقنى سويغاندا ھەممىسىنى سويماي ھەم قوۋزاقنى ئۈزۈۋەتمەي ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا ، توغرىسىغا ئۇزۇن بىر تال تاسما شەكلىدە سويۇۋالغان ، يەنى ھەربىر يۇلۇنۇشتىن بىر تال سويۇۋالغان . ھەربىر يۇلۇنۇشتىن ئاستى ۋە ئۈستىدىن بىر كىچىك قوۋزاق قالدۇرغان . بۇنداق قىلغاندا دەرەخنىڭ ئوزۇقلۇق توشۇشى ئۈچۈن پايدىلىق ، شۇڭا قوۋزىقى سويىۋېلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇ دەرەخ ئۈزلۈكسىز ئۆسىۋېرىدۇ .
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن دەرەخ ياخشى ئۆسۈپلا قالماي ، يەنە قوۋزىقى ئۇزۇنسىغا تۇتىشىدۇ . سويۇۋېلىنغان قوۋزاقنىڭ بوش ئورنى ئاستا-ئاستا تولىدۇ ، يارا ئېغىزىمۇ ئاستا-ئاستا پۈتىدۇ . يارا ئېغىزى پۈتكەندىن كېيىن ، ئىلگىرى قالدۇرۇپ قويغان كونا قوۋزاق سويۇۋېلىنىدۇ -دە ، يېڭى قوۋزاق ئوزۇقلۇقنىڭ تۆۋەندىن يۇقىرىغا توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەن ئىۋكومىيە دەرىخىدىن كۆپ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ ھەمدە ئۈستى قىسمىدىكى دەرەخ غولى يەنە ئۆسۈپ يوغىنايدۇ ، يان شاخمۇ ئۆسۈپ يوغىنايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئېۋكومىيە دەرىخىدىن بارغانسېرى مول - ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ .
دېمەك ، تېخنىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتسىلا ، ئېۋكومىيە دەرىخىدىن كۆپ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-28
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ناركوتىك زەھەر(زەھەرلىك چىكىملىك)
بەلكى قالايمىقان ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇمار پەيدا قىلدىغان مادىلاردىن ئىبارەت.ئادەتتە ناركوتىك زەھەرلەردىن كۇكايىن،نەشە،ئەپيۇن،خىرۇيىن، كىرىستال مۇز،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كېۋەزنى غۇنچىلىغاندا پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى
كېۋەز مايسىلىرى غۇنچىلىغاندا پەرۋىش قىلىشتا<<ئالتىدە>>تەدبىرى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. 1.بالدۇر كونترول قىلىپ، تەكشى ئۈسۈشنى تېزلىتىش. مايسىلىرى
مېۋە تۇرۇپ - لىۋەيچىڭ
بۇ سورت تېرىلغاندىن كىيىن ئۆزى تېرىغاندىن ئۇرۇق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
كۆممىقوناقنى كەڭ يوپۇق يېپىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكى
كۆممىقوناقنى كەڭ يوپۇق يېپىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى كۆممىقوناق ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدا ساقلانغان يوپۇق تار، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇش، زىچ ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز بولۇش، قۇر ئارىلىقى بەك كەڭ بولۇش، ئوچۇ

يېقىنقى پائالىيەتلەر