ئەفىسىس ( جۇڭگو موزىسى ) نىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : ئەفىسىس جۇڭگو موزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ بىر خىل جۇڭگو دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ ، ئىنتايىن ئالاھىدە . ئەگەر ئۇنى مەلۇم ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى دېسەك جەزمەن ئەمەس . ئەگەر ئۇنى بىر خىل ھايۋان دېسەك ئۇمۇ توغر


ئەفىسىس جۇڭگو موزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ بىر خىل جۇڭگو دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ ، ئىنتايىن ئالاھىدە . ئەگەر ئۇنى مەلۇم ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى دېسەك جەزمەن ئەمەس . ئەگەر ئۇنى بىر خىل ھايۋان دېسەك ئۇمۇ توغرا ئەمەس . ئەمما ، ئۇ راستىنلا بىر خىل كۆك پىت بولۇپ ، مەلۇم ئۆسۈملۈكنىڭ كىچىك يوپۇرمىقى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان نەرسە . بۇ خىل كۆك پىت ئەفىسىس كۆك پىتى دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ ئالدى بىلەن بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقىنى چىشلەپ بۇزىدۇ ھەم كىچىك بىر دانە تۆشۈك ئېچىپ يوپۇرماق ئىچىگە كىرىدۇ . ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆسۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ ئەفىسىس كۆك پىتىنى ئورىۋالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكنىڭ كىچىك شاخ ۋە يوپۇرمىقىدا كۆپكەن بىر نەرسە ئۆسۈپ چىقىدۇ . كۆپكەن نەرسىنىڭ ئىچىدە ئەفىسىس كۆك پىتى خالتىسى بولىدۇ . بۇ نەرسىنى بىز ھاشارات پوقى دەپ ئاتايمىز . بۇنداق ھاشارات پوقىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن جۇڭگو تېبابىتىدە ئىشلىتىدىغان ئەفىسىسكە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
ئەفىسىس كۆك پىتى سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى جۇڭگو موزا دەرىخى ئۈستىدە پارازىت ياشايدۇ . يەنە كۆك موزا ۋە قىزىل موزا دەرىخى ئۈستىدە پارازىت ياشاپ ھاسىل قىلغان ئەفىسىسنىڭ ئوخشاشلا دورىلىق ئۈنۈمى بار . بۇنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ، كىشىلەر جۇڭگو موزا دەرىخى ئۈستىدە ياكى قىزىل موزا دەرىخى ئۈستىدە ھاسىل بولغان ئەفىسىسنى قورساقلىق ئەفىسىس دەپ ئاتايدۇ . بۇرجەكلىك ئەفىسىسنىڭ دورىلىق قىممىتى قورساقلىق ئەفىسىستىن يۇقىرى بولىدۇ. جۇڭگو موزىسى يۆتەل ، تولا تەرلەش ، سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ . سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورا قىلغان چاغدا ، تېرە ياللۇغى ، قىچىشقاق ۋە تەمرەتكە ، يەنە كۆيۈك يارىسى ، زەخمىلىنىشتىن قان چىقىش قاتارلىقلارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-28
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر