نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەر «بوغۇپ ئۆلتۈرگۈچى» ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەر ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرگە تايىنىپ ئۆسىدۇ، كېيىن ھاۋا يىلتىزى پەسكە ئۆسۈپ ، ئەڭ ئاخىردا تۇپراققا ئۇزىراپ كىرىپ ، مۇستەقىل ياشايدۇ . بۇنداق ئۆسۈملۈك دائىم « ۋاپاغا جاپا قىلىدۇ » .


ھايۋانات بىلەن ھايۋانات ئوتتۇرسىدىكى ئۆزئارا قىرغىنچىلىقنى كۆپچىلىك دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ . مەسلەن ، مۈشۈك چاشقاننى تۇتۇپ يەيدۇ . مۈشۈك ياپىلاق يىلاننى يەيدۇ . يىلان چاشقاننى يەيدۇ . ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى قىرغىن قىلىشى تېخىمۇ كۆپ . مەسلەن ، كالىنىڭ ئوتنى يېيىشى ئەڭ ياخشى مىسال . ئۆسۈملۈك ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتكە ، ھەتتا قىرغىنچىلىققا بىز ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز ، بۇمۇ ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ . ئۆسۈملۈك يىلتىزىنىڭ تۇپراقتىكى سۇ بىلەن ئوزۇقلۇق ماددا ئوتتۇرسىدىكى رىقابىتى ، غول بىلەن يوپۇرماقنىڭ بوشلۇق ۋە قۇياش نۇرى تالىشىش رىقابىتى قاتارلىقلار . رىقابەتتە ھەمىشە بىر تەرەپ زىيانغا ئۇچرايدۇ . بەزىدە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى ئۆسۈملۈكلەر بىراقلا باشقا دەرەخ شاخلىرىدا ئۆسۈپ پارازىتلىق ۋە يېرىم پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ .
يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەر ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرگە تايىنىپ ئۆسىدۇ، كېيىن ھاۋا يىلتىزى پەسكە ئۆسۈپ ، ئەڭ ئاخىردا تۇپراققا ئۇزىراپ كىرىپ ، مۇستەقىل ياشايدۇ . بۇنداق ئۆسۈملۈك دائىم « ۋاپاغا جاپا قىلىدۇ » . ئۇ دائىم ئۆزى تايىنىپ ئۆسكەن دەرەخنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ . شۇڭا بىز بۇ خىل ئۆسۈملۈكنى
« بوغۇپ ئۆلتۈرگۈچى »ئۆسۈملۈك دەپ ئاتايىمىز . بوغۇپ ئۆلتۈرگۈچى ئۆسۈملۈكنىڭ خېلى كۆپ تۈرى بار . مەسلەن ، ئەنجۈر ئائىلىسىدىكى بەزى تۈرلەر . بوغۇپ ئۆلتۈرگۈچى ئۆسۈملۈكلەر ئورمانلىق ئىچىدە نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ . بولۇپمۇ تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدىكى ياۋا ئەنجۈردەرىخىنىڭ ھاۋا يىلتىزى ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلغان توردەك ئۆزى بېقىنىپ ئۆسكەن دەرەخ غولىنى چىڭ چىرماپ ئورىۋېلىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-28
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر