نېمە ئۈچۈن چوقۇم « يېشىل يېزا ئىگىلىكى » تەرققىي قىلدۇرۇلىدۇ ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : يۈسۈنلەر يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئىگە بولۇپ ، ئىنسانلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە داۋالاش رولىغا ئىگە . يۈسۈنلەرنىڭ ئاساسىي تەركىبى كاربون سۇ بىرىكمىلىر

« يېشىل يېزا ئىگىلىكى » دېيىلگەندە ، ئادەتتە دېڭىز - ئوكيان يېزا ئىگىلىكى كۆزدە تۇتىلىدۇ . چۈنكى يەنە مەلۇم يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ، سۇ ۋە تۇپراقنى ئاساس قىلىدىغان زىرائەت تېرىقچىلىقىدىكى « يېشىل يېزا ئىگىلىكى » ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى داۋاملىق قاندۇرالمايدۇ . شۇڭا كىشىلەر ھازىردىن باشلاپ « يېشىل يېزا ئىگىلىكى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك . دېڭىز - ئوكيان پۈتۈن يەرشارى كۆلىمىنىڭ 7/10 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ . دېڭىز رايونىدا تەبىئىي ئۆسكەن يۈسۈنلەرنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى ھازىر پۈتۈن دۇنيا بۇغداي مەھسۇلاتىنىڭ51 ھەسىسىدىن يۇقىرى بولۇپ ، دۇنيادىكى يۈسۈن مەنبەسىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئىنسانلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلىۋاتىدۇ .
يۈسۈنلەر يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئىگە بولۇپ ، ئىنسانلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە داۋالاش رولىغا ئىگە . يۈسۈنلەرنىڭ ئاساسىي تەركىبى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن ئىبارەت . يۈسۈن تەركىبىدە يەنە ئازوتلۇق ماددىلارمۇ بار . ئازوتلۇق ماددىلار يۈسۈنلەرنىڭ
ھاياتلىق ئاكتىپ ماددىسىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ، ئاساسلىقى ئاممونىي كىسلاتا ، ئاقسىل ۋە فېرمېنتلارنى
ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا ، يۈسۈن تەركىبىدە تەركىبىدە يەنە پېگمېنت ، ۋىتامىن ، ماي تۈرىدىكى بىرىكمە ماددىلار بار .يەنە كۆپ مىقداردا ئورگانىك ماددا ۋە ئانئورگانىك ماددىلار بار (مەسلەن ، كالىي ، كالتىسىي ، ماگنىي ، ئىسترونتسىي ) . بۇلار ئادەتتىكى مىقدارلىق ئېلېمېنتلاردۇر . مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلاردىن مىس ، مانگان ، خىروم ، سىنىك ، بىروم ، كوبالت قاتارلىقلار بار . نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە دېڭىز قىزىل يۈسۈنى ، لامنارىيە ، پوپكىسىمان يۈسۈن قاتارلىق ئۈچ خىل يۈسۈن ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدۇ . يۈسۈننى خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان يېمەكلىكلەردىن بازارغا سېلىنغىنى 100 خىلدىن ئاشىدۇ . كۆپرەك ئۇچرىتىدىغانلىرىدىن دېڭىز يۈسۈنى ، يۈسۈنلۈك ئىچىملىك ، يۈسۈنلۈك تاتلىق - تۈرۈملەر ، يۈسۈن ھارىقى ، يۈسۈنلۈك كۆكتات ۋە ھەر خىل تېتىتقۇلۇق يۈسۈن فىنتوزىسى ، يۈسۈن پىرەنىك قاتارلىقلار بار .
21- ئەسىردە بىز يۈسۈن مەنبەسىنى ئېچىپ پايدىلىنىپ ، دېڭىز - ئوكيانلارنى ئىجتىمائىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز ، 21-ئەسىردىكى ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-27
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ناركوتىك زەھەر(زەھەرلىك چىكىملىك)
بەلكى قالايمىقان ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇمار پەيدا قىلدىغان مادىلاردىن ئىبارەت.ئادەتتە ناركوتىك زەھەرلەردىن كۇكايىن،نەشە،ئەپيۇن،خىرۇيىن، كىرىستال مۇز،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كېۋەزنى غۇنچىلىغاندا پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى
كېۋەز مايسىلىرى غۇنچىلىغاندا پەرۋىش قىلىشتا<<ئالتىدە>>تەدبىرى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. 1.بالدۇر كونترول قىلىپ، تەكشى ئۈسۈشنى تېزلىتىش. مايسىلىرى
مېۋە تۇرۇپ - لىۋەيچىڭ
بۇ سورت تېرىلغاندىن كىيىن ئۆزى تېرىغاندىن ئۇرۇق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
كۆممىقوناقنى كەڭ يوپۇق يېپىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكى
كۆممىقوناقنى كەڭ يوپۇق يېپىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى كۆممىقوناق ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدا ساقلانغان يوپۇق تار، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇش، زىچ ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز بولۇش، قۇر ئارىلىقى بەك كەڭ بولۇش، ئوچۇ

يېقىنقى پائالىيەتلەر