نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر ئالاھىدە خۇشۇراق چىقىرىدۇ ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : ئەتىرگۈل تىكەنلىك ئەتىرگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ تۈز ئۆسىدىغان چاتقال بولۇپ ، كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ، گۈلى تاق ئۆسىدۇ ياكى كۆپ غۇنچىلاپ ئۆسىدۇ . سۆسۈن ، قىزىل ، سېرىق ، ئاق رەڭلەردە بولىدۇ .

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر ئالاھىدە خۇشپۇراق چىقىرىدۇ ؟ ئەسلىي بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل بەرگىدە بىر خىل خۇشپۇراق ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ھۈجەيرە بولۇپ ، گۈلى ئېچىلغاندا خۇشپۇراق چىقىرىپ ، ئۇنىڭ مولىكۇلاسى ھاۋاغا تارقىلىپ ، خۇشپۇراق چىقىرىدۇ . يەنە بەزى گۈللەرنىڭ گۈل بەرگىدە ئىچكى ئاجرىتىش ھۈجەيرىسى يوق بولۇپ ، خۇشپۇراق ماي ياسىيالمايدۇ ، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەركىبىدە كوگەن دېگەن ماددا بار . ئۇنىڭ خۇشپۇرىقى يوق ، ئەمما پارچىلانغاندا ، خۇشپۇراق چىقىرىدۇ . ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈك ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا ئۆسۈپ ئوخشاش بولمىغان فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك ۋە ياشاش ئادىتىگە ئىگە بولىدۇ ھەم ئوخشاش بولمىغان فوتوسېنتىز مەھسۇلاتى ھاسىل قىلىدۇ . مەسلەن ، قىزىلچا ، شېكەر قۇمۇشى قاتارلىقلاردا تاتلىق تەم بار. سەۋەب بۇلارنىڭ تەركىبىدە قەنىتلەرنىڭ بولغانلىقىدا . خۇش پۇراقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئوخشاشمىغان خۇشپۇراق ماددىلارنى چىقىرىدۇ . تۆۋەندە ئۇلاردىن بىر قانچىسىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىمىز :
گۈيخۇا گۈلى (ئوسمانتوس گۈلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ ، ئەرمىدۇن ئائىلىسىگە تەۋە . گۈلى ئاق ، سېرىق رەڭدە قويۇق خۇشپۇراققا ئىگە . ئاساسلىق خۇشپۇراق ماددىسى سىننامون ئالدېگىن ، سىرىگلىك فىنول بولغاچقا ، پۇرىقى شۇنداق كۈچلۈك بولىدۇ . ئۇنىڭ قاننى جانلاندۇرۇپ پەللىلەرنى ئېچىش رولى بار .
يەسىمەن گۈلى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ياكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال بولۇپ ، گۈيخۇا گۈلى بىلەن بىر ئائىلە . گۈلى ئاق رەڭدە ، تەركىبىدە بېنزالدېگىد ، يەسىمەن گۈلى جەۋھىرى قاتارلىق خۇشپۇراق ماددىلار بولغاچقا ، پۇرىقى كۈچلۈك بولىدۇ . ئۇنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ قىزىتما قايتۇرۇش رولى بار.
ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمىدە ئەرمىدۇن ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپ سانلىقى خۇشپۇراق چىقىرىدۇ . ئەتىرگۈل تىكەنلىك ئەتىرگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ تۈز ئۆسىدىغان چاتقال بولۇپ ، كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ، گۈلى تاق ئۆسىدۇ ياكى كۆپ غۇنچىلاپ ئۆسىدۇ . سۆسۈن ، قىزىل ، سېرىق ، ئاق رەڭلەردە بولىدۇ . تەركىبىدە گىرانىيول بار . جىگەر ۋە ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ .
خۇشپۇراققا ئىگە ئۆسۈملۈكلەر يەنە نۇرغۇن . بەزىسىنىڭ ئۇرۇقى ئىچىدە ، مەسلەن ، شاكال بەدىيان ، بەدىيان قاتارلىقلار ، يەنە بەزىسىنىڭ پۈتۈن تۈپىدە خۇشپۇراق بولىدۇ ، مەسلەن ، كامفورا دەرىخى ، لىمون تىپچىغى قاتارلىقلار .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-27
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر