قايسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىر ھاسىل قىلالايدىغانلقىنى بىلەمسىز ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : بىرقىسىم كىشىلەر مەلۇم ئالاھىدە فىزولوگىيەلىك ھالەتتە (سەزگۈر ھالەتتە) تۇرغاندا ، ئاندىن خام سىرغا بولغان سەزگۈرلۈك كۆرۈلىدۇ ، ئادەمنىڭ قانداق ۋاقىتتا خام سىر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن رېئاكسىيە يۈز ب


كۆپچىلىك سىرنى بىلىدۇ ، ئۇ ماشىنا - ئۈسكۈنە ، پاراخوت ، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ، ئۆي جاھازىلىرى ، توك سىمى ھەم سانائەت بويۇملىرى قاتارلىقلارنى سىرلاشتا ئىشلىتىلىدۇ . سىر كان قۇدۇقىدىن كولاپ ئېلىنغانمۇ ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەنمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە سىرنى سىر دەرىخى ھاسىل قىلغان . سىر دەرىخى سىر دەرىخى ئائىلىسى ، سىر دەرىخى ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ ، بىر خىل يوپۇرماق تاشلايدىغان ، چوڭ تىپتىكى ياغاچ غوللۇق دەرەخ ، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق .
مەملىكىتىمىزدە سىر دەرىخىنىڭ تۈرى 40 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ ، ئادەتتە مورفولوگىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ھەم ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ، چوڭ سىر دەرىخى ۋە كىچىك سىر دەرىخى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . چوڭ سىر دەرىخى ياۋا ئۆسكەن بولىدۇ . ھاسىل قىلغان سىرنىڭ قۇرۇشچانلىقى ياخشى ، ئەمما مەھسۇلاتى تۆۋەن . كىچىك سىر دەرىخى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، مەھسۇلاتى يۇقىرى ، ئەمما ھاسىل بولغان سىرنىڭ قۇرۇشچانلىقى ناچار . ئەلا سۈپەتلىك ، ۋەكىل خاراكتىرلىك سىر دەرىخى سورتىدىن گۈيجۇ قىزىل سىر دەرىخى (گۈيجۇ) ، ئاق قوۋزاقلىق كىچىك سىر دەرىخى (گۇاڭشى) ، ياڭگاۋ كىچىك سىر دەرىخى (خۇبېي)، ياڭگاۋ چوڭ سىر دەرىخى (خۇبېي)، تىيەنشۈي چوڭ يوپۇرماقلىق سىر دەرىخى (گەنسۇ) ، بامبۇك يوپۇرماقلىق كىچىك سىر دەرىخى (خۇنەن ، سىچۈەن) ، قىزىل چاتقال كىچىك سىر دەرىخى قاتارلىقلار بار .
سىر دەرىخى ئاساسلىقى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى مۆتىدىل ئىللىق نەم جايلارغا تارقالغان . مەملىكىتىمىز دۇنيادىكى ئاساسلىقى سىر ئىشلەچىقىرىدىغان دۆلەت . ئۇنىڭدىن قالسا ، ياپونىيە ، چاۋشىيەن ،
ۋېيىتنام ، تايلانىد ، كامبودژا ، فىلىپپىن ، ھىندىستان ، بىرما ، ئىران قاتارلىق دۆلەتلارمۇ سىر ئىشلەپچىقىرىدۇ.
1984-يىلدىن 1986-يىلغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە ، مەملىكىتىمىزنىڭ سىر ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتى 2250 توننىغا يەتتى .
خام سىر - سىر دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىكى (چىگىلىك قىسمى) ئاجراتما يولىدا ھاسىل بولغان ، سۈت رەڭلىك يېپىشقاق سۇيۇقلۇقتۇر . خام سىرنىڭ يەنە دۆلەت سىرى ، چوڭ سىر دېگەن ناملىرىمۇ بار . خام سىر پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن ساپ سىرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . بۇ پىشقان سىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ . خام سىرنى بىۋاستە ئىشلەتكىلى بولىدۇ . خام سىرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئوروسئول ، سىر فېرمېنتى ، دەرەخ يىلىمى ، سۇ ھەم ئاز مىقداردىكى باشقا ئورگانىك ماددىلاردىن ئىبارەت . خام سىر ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئوكسىدلىنىپ ، رەڭگى ئاستا-ئاستا قارىدايدۇ . قۇرىغاندىن كېيىن سىر پەردىسى شەكىللىنىدۇ ، سىر پەردىسى قاتتىق بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ناھايىتى پارقىراق ھەم ئۇزاققىچە سۈركىلىشكە ، ئېرىشكە ، سۇغا ، خىمىيەلىك ماددىغا تۇپراقنىڭ چىرىتىشىگە ۋە ئىزولياتسىيەگە چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارغا
ئىگە . خام سىر تەركىبىدىكى ئوروسئول ئادەم تېنى بىلەن ئۇچراشقاندا ، رېئاكسىيە يۈز بېرىپ تېرە قىزىرىپ ئىششىش ، قىچىشىش ، ئەسۋە پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئەگەر ئۇقۇشماستىن يەپ قويسا قۇسۇش ، چارچاش ، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئەمما ھەرقانداق ئادەمدە بۇنداق ئالامەت كۆرۈلىۋەرمەيدۇ. بىرقىسىم كىشىلەر مەلۇم ئالاھىدە فىزولوگىيەلىك ھالەتتە (سەزگۈر ھالەتتە) تۇرغاندا ، ئاندىن خام سىرغا بولغان سەزگۈرلۈك كۆرۈلىدۇ ، ئادەمنىڭ قانداق ۋاقىتتا خام سىر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن رېئاكسىيە يۈز بېرىشى كونكىرىت ۋاقىتقا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ ، نۆۋەتتە تېخى ئىلمىي بولغان ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى تېپىلمىدى .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-27
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر