نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاشارات ئۆلتۈرۈش ماھارىتى بولىدۇ ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ، تاماكا زاۋۇتلىرى تاماكا ياساپ ئېشىپ قالغان تاماكا ئۇۋاقلىرى قاتارلىق ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ دېھقانچىلىق دورىسى ياساپ ، مېۋىلىك دەرەخ ، كۆچەت ، كۆكتات ، كېۋەز پىشتى ، چى

گۈللەر ئېچىلىپ قۇشلار سايرىشىپ ، ھاشاراتلار چىرىلدىشىۋاتقان باھار پاسلىدە كىشىلەر پاشا ، چىۋىن ، سۈۋەرەك قاتارلىقلارنى يوقىتىدىغان ئىسرىق ۋە ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورىلارنى سېتىۋالىدۇ . بۇ دورىلارنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھاشارات يوقىتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ ؟
ئىسرىققا ئاقىرقەرھا ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىنىدۇ ، ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پىرېتىرىن ، بۇ خىل خام ئەشيا ئاقىرقەرھا دېگەن ئۆسۈملۈكتىن كەلگەن . ئۇ جۈخارگۈلى بىلەن ئوخشاش ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈكتىن ئىبارەت . ئاقىرقەرھانىڭ ئەڭ پايدىلىق يېرى ئۇنىڭ غۇنچىسىدىكى پىرېتسىرىننىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بولۇپ ، پۈتۈن تۈپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %90 تىدىن يۇقىرى بولىدۇ . ئاقىرقەرھا 6 - ئايلاردىن 8 - ئايلارغىچە ئېچىلىدۇ . دەسلەپ ئېچىلغان غۇنچىسىنىڭ تەركىبىدە پىرېتسىرىننىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا يېڭىلا ئېچىلغان غۇنچىسى ئۈزۈۋېلىنىپ، بىر قىسمى ئاپتاپتا قۇرۇتۇلۇپ پىششىقلاپ ئىشلەپ پاراشوك ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ ، ئىسرىقنىڭ خام ماتىريالى قىلىنىدۇ . يەنە بىر قىسمىدا خىمىيەلىك ئۇسۇلدا پىرېتسىرىن ياسىلىپ ھاشارات ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ئەمدى چۈشەنگەنسىز . ئەسلىدە پىرېتسىرىن پاشا ، چىۋىن ، چۈمۈلە ، سۈۋەرەك قاتارلىق ھەرخىل زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىدىغان باش تۆھپىكار . ھاشارات يوقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۆسۈملۈكلەر يەنە خېلى كۆپ ، مەسلەن ، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ، تاماكا زاۋۇتلىرى تاماكا ياساپ ئېشىپ قالغان تاماكا ئۇۋاقلىرى قاتارلىق ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ دېھقانچىلىق دورىسى ياساپ ، مېۋىلىك دەرەخ ، كۆچەت ، كۆكتات ، كېۋەز پىشتى ، چىرپاشكا ، يوپۇرماق ئورىغۇچى قۇرت ، يوپۇرماققا يۇشۇرۇنغۇچى پەرۋانە ، سەي كۆك قۇرتى ، شال پىتى قاتارلىق كۆپ خىل زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ . يەنە مەسلەن ، پاشا ئوت ، ئىگىر تەركىبىدىكى خۇشپۇراق ماي ، سوپۇن دەرىخى تەركىبىدىكى ساپونىن ، مايلىق چاي تەركىبىدىكى چازىق ، ئىۋكالپىت دەرىخى يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى ئىۋكالپىت مېيى ، سامساق تەركىبىدىكى ئاللىن قاتارلىقلارنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى ئۈزلۈكسىز بىرخىل پۇراقلىق ھىد تارقىتىپ زىيانداش ھاشاراتلارنى مەست قىلىدۇ ۋە ئىسلاپ ئۆلتۈرىدۇ . شۇڭا بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى تەركىبىدىكى خىمىيەلىك تەركىبلەر تەبىئىي ھالدا ھاشارات ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە . يەنە بۇ ئۆسۈملۈكلەر زىيانداش ھاشارات تېنىگە چاپلىشىۋېلىپ ئۇلارنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ . شۇڭا بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى تەركىبىدىكى خىمىيەلىك تەركىبلەر تەبىئىي ھالدا ھاشارات ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە تۆھپىكار بولۇپ ، ئىنسانلارنىڭ بەختى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-26
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر