نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەر « گۆشخور » ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوتنىڭ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرمىقى يېرىم ئاي شەكلىدە ياكى تەخسىسىمان ھالەتتە بولىدۇ ، يۈزىدە نۇرغۇن يېپىشقاق تۈكچىلىرى بولۇپ ، ھاشاراتلارنى چاپلاشتۇرىۋالىدۇ . ھاشارات ئۇنىڭ

كۆپچىلىككە مەلۇمكى ، ئادەم ۋە گۆشخور ھايۋانلار گۆش يەيدۇ . بىراق ئۆسۈملۈكلەر ئادەتتە فوتوسېنتېز ئېلىپ بېرىپ ، ئورگانىك ماددا ياساپ ئۆزىنى باقىدۇ . بىراق بەزى ئۆسۈملۈكلەر گۆش ۋە ھاشارات يەيدۇ . بۇ
خىل ئۆسۈملۈكلەر ھاشاراتخور ياكى گۆشخور ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل ئۆسۈملۈك بىرخىللا ئەمەس،
ئۇنىڭ تۆت ئائىلە ، 400 دىن ئارتۇق تۈرى بار ، مەملىكىتىمىزدە ئۈچ ئائىلە ، 30 دىن ئارتۇق تۈرى بار . بۇلار ئاساسلىقى يۇمىلاق يوپۇرماقلىق ھاشاراتخور ئوت ، قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوت ، چىۋىنخور ئوت ، قەپەسئوت ، شىشە ئوت ، قۇرتخور گۈلنەپشە ، قۇندۇز لېشى قاتارلىقلار . بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر ھاشاراتلارنى قانداق تۇتىدۇ ۋە قانداق ھەزىم قىلىدۇ ؟
ئوخشاشمىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاشارات تۇتۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىگە چۈشكەن ھاشاراتلارغا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ ، دەرھاللا ئۆزىدە مورفولوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش ياساپ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرمىقىنى ئېچىلدۇرۇپ ، ھاشاراتنى ئۆزىگە چاپلاشتۇرىۋالىدۇ ياكى قىسىۋالىدۇ ھەم ئۆز تېنىدىكى ئىچكى ئاجراتما ماددىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ھەزىم قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئورگىنى يوپۇرماقنىڭ ئۆزگۈرىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ، بۇ خىل يوپۇرماق ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ . ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرماق خالسىمان (مەسلەن ، قۇندۇز لېشى) ، تەخسىسىمان ( مەسلەن ، قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوت ) ، شىشە شەكىللىك (مەسلەن ، قەپەس ئوت )كېلىدۇ . تۆۋەندە تىپىك بولغان بىر قانچە خىل ھاشارات تۇتۇش شەكلىنى تونۇشتۇرىمىز :
قۇندۇز لېشى كۆپ يىللىق سۇدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك ، ئۇنىڭ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرمىقى كۆپكەن خالتىسىمان ھالەتتە بولۇپ ، ھەربىر خالتىسىدا بىر ئېغىزى بولىدۇ . ھەربىر ئېغىزىنى بىر تال تىرىك گۈل بەرگى قوغدايدۇ . تىرىك گۈل بەرگى پەقەت ئىچىگە قاراپ ئېچىلىدۇ . ئۇنىڭ تاشقى يۈزىدە قاتتىق تۈكچە بولىدۇ . كىچىك ھاشارات قاتتىق تۈكچە بىلەن ئۇچراشقاندا تىرىك گۈل بەرگى ئېچىلىپ ، كىچىك ھاشارات سۇ بىلەن قوشۇلۇپ خالتا ئىچىگە ئېقىپ كىرىدۇ . كېيىن تىرىك گۈل بەرگى يەنە يېپىلىدۇ . كىچىك ھاشارات خالتا ئىچىدىكى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىدۇ ، ئاندىن ئۇنى خالتا دىۋارى سۈمۈرۈۋالىدۇ .
قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوتنىڭ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرمىقى يېرىم ئاي شەكلىدە ياكى تەخسىسىمان ھالەتتە بولىدۇ ، يۈزىدە نۇرغۇن يېپىشقاق تۈكچىلىرى بولۇپ ، ھاشاراتلارنى چاپلاشتۇرىۋالىدۇ . ھاشارات ئۇنىڭ تۈكچىسى بىلەن ئۇچراشقاندا ، ئۇ ئاپتوماتىك ئىگىلىپ ھاشاراتنى ئورىۋالىدۇ ھەمدە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ھاشاراتنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرىدۇ . تېخىمۇ قىزىق يېرى شۇكى ، قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوت بىلەن يۇمىلاق ھاشاراتخور ئوتنى گۆش بىلەن باقسا تېخىمۇ ياخشى ئۆسىدۇ .
قەپەسئوتنىڭ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرمىقى بوتۇلكا شەكلىدە بولۇپ ، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ، بوتۇلكا ئۈستىدە ئېغىزى بار . ئېغىزىنىڭ قورساق قىسمى پارقىراق ھەم بەز تەنچىسى بولىدۇ . ئادەتتە بوتۇلكا ئېغىزى ئېچىق تۇرىدۇ . ھاشارات بوتۇلكا ئېغىزىغا ئۆمۈلەپ بارسا ئىنتايىن ئاسانلا بوتۇلكا ئىچىگە تېيىلىپ كىرىپ كېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلىدۇ . يەنە بەزى گۆشخور ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بولۇپ (مەسلەن ، يۇمىلاق يوپۇرماقلىق ھاشاراتخور ئوت) ، ئەگەر بىر دانە تاش ياكى ياغاچ پارچىسىنى بۇ ئوتنىڭ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرمىقى ئۈستىگە قويسا ، يوپۇرماقنىڭ بەز تۈكچىلىرى ھەرىكەت قىلمايدۇ .
گۆشخور ئۆسۈملۈكلەر ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرماق تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولغاچقا ، ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ھاشارات تۇتالايدۇ . بۇ مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل مۇھىت ۋە تەبىئىي تاللىنىشقا ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر .
گۆشخور ئۆسۈملۈكلەر ئادەتتە خىلوروپىلاشقا ئىگە بولىدۇ . فوتوسېنتىېز ئېلىپ بېرىپ ئوزۇقلۇق ماددا ياسىيالايدۇ . شۇڭا ، ھاشارات تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقنى تۇتالمىغاندىمۇ ئوخشاشلا ياشاۋېرىدۇ ، ئەمما مۇۋاپىق ھاشارات تۈرىدىكى يېمەكلىك بولغان چاغدا ، تېخىمۇ كۆپ مېۋە بېرىپ ئۇرۇق ھاسىل قىلالايدۇ .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-26
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇننىڭ مەنزىرسىى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋىپ -خەتەر يۇشۇرۇنغان
ناپلېس ‹‹ھالاكەت جىلغىسى ››
لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۇشى بۇلۇپ قالغان ،
كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى
سانسىزلىغان ئالتۇن چايقىغۇچىلار ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارماي بۇ يەرگە كىلىپ ئالتۇن جەننىتىنىتىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،لىكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىنىڭ ھۆرىگۇلدەك بىر ئېچىلىپلا تۇزۇپ كىتىدىغان گۇزەللىكتى
ئىس تۇتەكلىك جىلغا
قىپقىزىل چۇغدەك قىززىق ئىس -تۇتەك ئاسمانغا كۇتۇرلۇپ ،ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۇلى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ ،تغرلۇپ چىققان لاۋا چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۇۋەنگە چۇشىدۇ .يانار تاغنىڭ پارتىلشى نۇرلۇق ھەم سۇكۇتلۇك بۇلىد

يېقىنقى پائالىيەتلەر