نېمە ئۈچۈن چىلاننى پاكار ئۆستۈرسە مەھسۇلاتى ئاشىدۇ ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : مېۋىلىك دەرەخلەرنى پاكارلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈشنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەۋزەللىكى بولۇپ ، يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ . باشقۇرۇش ياخشى بولغان لىجى دەرىخى بېغىنىڭ كىۋادىرات مىتىرىدىن 35-90 كىلوگىرام مەھسۇلات

سىز كۆچەتخانىغا بارغانمۇ ؟ كۆچەتخانىدىكى كۆچەتلەر ئادەتتە ئادەم بويىچىلىك ئېگىزلىكتە بولىدۇ . سىز بەلكىم بۇ كۆچەتلەر نېمىشقا پاكاردۇر ، دپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ، كۆچەتلەرنى پاكار ئۆستۈرۈشنىڭ قانداق پايدىسى بار ؟
ياۋا ئەنئەنىۋى كۆچەتلەر ئەسلىدىنلا ئېگىز بولىدۇ . كېيىن ئۇلاش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ئۆسۈش مەزگىلىنى قىسقارتىپ ، بالدۇر ئېچىلدۇرۇپ ، بالدۇر مېۋىگە كىرگۈزۈلىدۇ ، شۇڭا مېۋىلىك دەرەخلەر پاكار بولىدۇ . مېۋىلىك دەرەخلەر چوڭ ھەم ئېگىز بولسا باشقۇرۇش قولايسىز ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىگىلىگەن ئورنىمۇ چوڭ بولىدۇ . بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئىگىلىگەن ئورنىغا 3 ~ 2 تۈپ دەرەخ كۆچىتى تىككىلى بولىدۇ . 2 ~ 3 تۈپ كۆچەتنىڭ تاجىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئىگىلىگەن يېرى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ قۇياش نۇرىنى سۈمۈرەلەيدۇ . ئۆسۈملۈكنىڭ فوتوسېنتىز رولى قانچە كۈچلۈك بولسا ، ئۇنىڭ ھاسىل قىلغان ئوزۇقلۇق ماددىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ . ئوزۇقلۇق ماددا كۆپ بولسا مەھسۇلات يۇقىرى بولىدۇ .
كىچىك دەرەخنىڭ يىلتىز سېستىمىسى چوڭ دەرەخنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ ، تارقىلىشىمۇ ناھايىتى
تەكشى بولغاچقا ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ .
ئۆسۈملۈك تېنىدىكى سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددا ئۆسۈملۈكنىڭ ھەرقايسى ئىھتىياجلىق قىسىملىرىغا ئۈزلۈكسىز توختىماستىن توشۇلىدۇ ، مەيلى سۇ ياكى ئوزۇقلۇق ماددا بولسۇن ، ھەممىسى ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىدىن غول ۋە يوپۇرماققا توشۇلۇپ كېلىدۇ ، بۇلارمۇ ئېنىرگىيەگە موھتاج بولىدۇ . چوڭ دەرەخنىڭ غولى ئېگىز توم بولغاچقا ، توشۇلىدىغان ماددا تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە ۋە تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىتقا مۇھتاج بولۇپ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ .
چوڭ مېۋىلىك دەرەخلەر شامالنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ . شامال كۈچى زور بولغاندا ، چوڭ مېۋىلىك دەرەخ يىلتىزى بىلەن قوشۇپ تىترەيدۇ . دەرەخ سۇنمىغان تەقدىردىمۇ غول ۋە يوپۇرماق توقۇلمىلىرى ، مەسلەن شېخى سۇنىدۇ ، يوپۇرمىقى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ .
كىچىك مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ گۈلى بالدۇر ئېچىلىپ ، بالدۇر مېۋىگە كىرىدۇ. چوڭ مېۋلىك دەرەخلەر مېۋىگە كىرگەندە ، كىچىك مېۋىلىك دەرەخلەر بىر نەچچە يىل ھوسۇل بېرىپ بولغان بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، چوڭ دەرەخلەرنى باشقۇرۇش ئەپسىز بولۇپ ، ئاسان ھاشارات ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ ، مېۋىسىنى ئۈزۈشمۇ تەس ، ۋاقىت ۋە ئەمگەك كۈچى ئىسراپ بولىدۇ . بەزىدە مېۋە شېخى سۇنۇپ كېتىپ بىۋاستە زىيان پەيدا قىلىدۇ .
مېۋىلىك دەرەخلەرنى پاكارلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈشنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەۋزەللىكى بولۇپ ، يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ . باشقۇرۇش ياخشى بولغان لىجى دەرىخى بېغىنىڭ كىۋادىرات مىتىرىدىن 35-90 كىلوگىرام
مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ . ئەمما ، ئادەتتىكى لىجى دەرىخى بېغىدىن ئاران 75 كىلوگىرام مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ . پاكارلاشتۇرۇلغان ، ئوخشىمىغان دەرەخلەردىن ئېلىنغان ھوسۇل ئوخشاش بولمايدۇ . بەزىسىنىڭ نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولىدۇ . مەسلەن ، چىلان ، ئالما ، بەزىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ . شۇڭا قايسى خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى پاكار ئۆستۈرۈش كېرەك ، ئۈنۈمى قانداق ؟ دېگەنلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-11-25
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ناركوتىك زەھەر(زەھەرلىك چىكىملىك)
بەلكى قالايمىقان ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇمار پەيدا قىلدىغان مادىلاردىن ئىبارەت.ئادەتتە ناركوتىك زەھەرلەردىن كۇكايىن،نەشە،ئەپيۇن،خىرۇيىن، كىرىستال مۇز،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كېۋەزنى غۇنچىلىغاندا پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى
كېۋەز مايسىلىرى غۇنچىلىغاندا پەرۋىش قىلىشتا<<ئالتىدە>>تەدبىرى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. 1.بالدۇر كونترول قىلىپ، تەكشى ئۈسۈشنى تېزلىتىش. مايسىلىرى
مېۋە تۇرۇپ - لىۋەيچىڭ
بۇ سورت تېرىلغاندىن كىيىن ئۆزى تېرىغاندىن ئۇرۇق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
كۆممىقوناقنى كەڭ يوپۇق يېپىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكى
كۆممىقوناقنى كەڭ يوپۇق يېپىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى كۆممىقوناق ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدا ساقلانغان يوپۇق تار، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇش، زىچ ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز بولۇش، قۇر ئارىلىقى بەك كەڭ بولۇش، ئوچۇ

يېقىنقى پائالىيەتلەر