«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دىگەن ئەسەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى بىلەمسىز ؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيەسى ۋە جۇڭيى دورا ئىلمى دۇنياغا كەڭ تارالدى، بۇ قامۇستىكى نۇرغۇنلىغان سىناقتىن ئۆتكەن رېت

«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى »دېگەن ئەسەرنى ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ دورىگەرلىك ئالىمى لى شىجىن 27 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان . بۇ قامۇس 1578 - يىلى پۈتكەن ، جەمئىي 52 توم بولۇپ ، قامۇسقا 1892 خىل دورىلىق ئۆسۈملۇك ، 11096 خىل رېتسىپ ، 1160 پارچە رەسىم كىرگۈزىلگەن .قامۇس يەنە دورىلارنىڭ تەبىئىي تۈرىگە ئاساسەن سۇ، ئوت ، تۇپراق ،مېتال،ئوت-چۆپ، مېۋە، دانلىق زىرائەت ، كۆكتات، ياغاچ، جابدۇق ، ھاشارات، قاسراق ، قۇش، ھايۋان، ئادەمدىن ئىبارەت 16 بۆلۈم (سىنىپ) قا بۆلۈنگەن ، ھەر بىر بۆلۈمى يەنە بىر قانچە تۈرگە ، يەنى، جەمئىي60 تۈر (ئەترەت)گە بۆلۈنگەن.
«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى » دا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ 16-ئەسىردىن ئىلگىرىكى دورا ئىشلىتىش تەجرىبىلىرى ۋە بىلىملىرى خۇلاسىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ دورا ئىشلىتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلىرى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىگە ئەمەلىيەت چىقىش قىلىنغان ئاساستا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.ئاپتۇر ئۆزى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقان . تۈرلەرگە ئايرىش جەھەتتە بىر قەدەر ئىلمىي ، مەزمۇنى غەرىپ ئۆسۈمۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىنىڭ ئىجادچىسى لىننې 1735-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ، پەقەتلا 12 بەتلىك «تەبىئىي سىستىما»كىتابتىن مول. قامۇستا يەنە خەلىق ئارىسىدىكى ئاددىي ۋە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپلار ھەم دورا يىغىش ، تېرېش، ياساش، ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، كېيىنكىلەرنىڭ جۇڭيى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن . بۇ كىتاب دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن دۆلەت ئىچىگە كەڭ تارقالغا ، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرگە ئىگەبولغان .
ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيەسى ۋە جۇڭيى دورا ئىلمى دۇنياغا كەڭ تارالدى، بۇ قامۇستىكى نۇرغۇنلىغان سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار ۋە دورا ئىلمى ، نەزەرىيەلىرى تېخىمۇ مۇھىم قىممىتىنى ئىپادىلىدى . بۇ قامۇس جۇڭگۇغا مەنسۈپ بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا مەنسۈپ .

  • يوللىغۇچى : ئارزۇگۇل
  • پايدىلانغان ماتىريال : كىتاب
  • يوللانغان ۋاقتى :2014-10-20
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

قۇربانلىق قوي سويۇش قائىدىلىرى ۋە ھېكمەتلىرى
جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
روزا ھېيىت توغرىسىدا
ئائىلىدىكى جان سانى بۇيىچە ھېيىت نامىزىدىن ئاۋۋال ھېيىت خوشاللىقى ئۈچۈن بىرىدىغان بىرخىل سەدىقە. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى،ئۆلچەم
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى
قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن."بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ

يېقىنقى پائالىيەتلەر