سۇيارىز ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، لىۋېرپول 4-0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : سۇيارىز ئىككى توپ كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن لىۋېرپول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 4-0 نەتىجە بىلەن فۇلخام كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ھەم داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

2013-2014 - پەسىللىك ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى 11- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئانفردې پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، لىۋېرپول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فولخام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە لىۋېرپول كوماندا ئەزاسى گراند ئالدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى ھەم ئارقىدىن بىر قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، كوماندا ئەزاسى سېكتېر بىر توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە ئاخىرىدا كوماندا ئەزاسى سۇيارىز ئىككى توپ كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن لىۋېرپول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 4-0 نەتىجە بىلەن فۇلخام كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ھەم داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

ئىككى كوماندا ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقە تارىخىدا 24 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، لىۋېرپول كوماندىسى 14 مەيدان غەلىبە قىلىپ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆز مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە، يەتتە مەيدان غەلىبە قىلىپ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئىككى كوماندا تارىختا 65 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، لىۋېرپول كوماندىسى 37 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 16 مەيدان تەڭلىشىپ، 12 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويۇپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغانىدى.

  • يوللىغۇچى : ئەكرەمجان
  • پايدىلانغان ماتىريال : ئىنترنت تورى
  • يوللانغان ۋاقتى :2013-11-13
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ئادىلجان سۇلايمان ھەققىدە
كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى، <<1-ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى.
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن، ئۇ 1996- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئانلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەرنىڭ 10 مېتىردىن كۆچمە نىشانغا ئېتىش
يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى
ساھىل ۋالىبولى26.يەلكەنلىك كېمە27.تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈرلۈك تەنھەرىكىتى28.قورغان توپ29. تەنتەربىيە ئۇسسۇلى30.تەپمە فوكس
شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى پاپۇز مۇسابىقىسى
بىر توپ ياشلار قوللىرىدا باش قىسىمى ئەگرى كالتەكنى تۇتىۋېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن بىر تال ئاق توپنى تالاشماقتا. بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى ھازىرقى زامان خوككىي توپىغا ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ.

يېقىنقى پائالىيەتلەر