ئوت كوماندىسى بىر نومۇر پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون ئوت كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا كەرت ئادىمى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئوت كوماندىسى ناھايىتى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ لېكىن ئاخىرى

2013-2014- پەسىللىك ئامېرىكا كەسپى ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى سەككىزىنچى ئايلانما باسقۇچى ئىلىپ بېرىلىپ، ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون ئوت كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا كەرت ئادىمى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئوت كوماندىسى ناھايىتى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ لېكىن ئاخىرى ئۇلار 110-111 نەتىجە بىلەن كەرت ئادىمى كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.

بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرقى 3.6 سېكونت ۋاقىت قالغاندا ئوت كوماندا ئەزاسى جامېس ئىككى جازا توپىنى ئېتىپ كىرگۈزۈپ تۆت نومۇر پەرق بىلەن ئۈستۈنلۈكتە تۈردى، كەرت ئادىمى كوماندىسى پەرقنى كىچىكلىتىپ ئىككى نومۇر قىلىپ ئۆزگەرتتى ھەم بىر قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپ چۈشۈردى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، كوماندا ئەزاسى لىبران جامېس 25 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئون قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ كرېس پوش 20 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ دېۋىن ۋاد 18 نومۇر ئالدى ۋە يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مالىيو چارموس ئون نومۇر ئالدى؛ زاپاس ئەزا مايكول بىسرى بىلەن كرېس ئاندېرسون ئىككىسى ئون نومۇردىن ئالدى؛ لى ئارون بەش نومۇر ئالدى.

كەرت ئادىمى كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. كوماندا ئەزاسى جېف گېرىن ھالقىلىق ئۈچ نومۇرلۇق توپنى ئېتىپ چۈشۈردى، ئۇ 24 نومۇر ئالدى؛ ئاۋرى براندېل 17 نومۇر ئالدى؛ جوردان كراۋفورد 15 نومۇر ئالدى؛ زاپاس ئەزا گالىد سالىگ 12 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

  • يوللىغۇچى : ئەكرەمجان
  • پايدىلانغان ماتىريال : ئىنترنت تورى
  • يوللانغان ۋاقتى :2013-11-13
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ئادىلجان سۇلايمان ھەققىدە
كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى، <<1-ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى.
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن، ئۇ 1996- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئانلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەرنىڭ 10 مېتىردىن كۆچمە نىشانغا ئېتىش
يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى
ساھىل ۋالىبولى26.يەلكەنلىك كېمە27.تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈرلۈك تەنھەرىكىتى28.قورغان توپ29. تەنتەربىيە ئۇسسۇلى30.تەپمە فوكس
شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى پاپۇز مۇسابىقىسى
بىر توپ ياشلار قوللىرىدا باش قىسىمى ئەگرى كالتەكنى تۇتىۋېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن بىر تال ئاق توپنى تالاشماقتا. بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى ھازىرقى زامان خوككىي توپىغا ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ.

يېقىنقى پائالىيەتلەر