فابرىگاس ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، بارسېلونا غەلىبە قىلدى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : تەرەپ مەيدانىدا 4-1 نەتىجە بىلەن خان جەمەتى بېتتس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈچ نومۇر پەرق ئۈستۈنلۈك داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

ئۈرۈمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى 2:00( ئىسپانىيە ۋاقتى 10- نويابر 21:00 )دە، 2013- 2014 پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 13- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بېنتو برامارىن پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، بارسېلونا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا خان جەمەتى بېتتس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بارسېلونا كوماندا ئەزاسى مىسسى يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى؛ ئارقىدىن كوماندا ئەزاسى نېيمار پېدرو ئىككىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىردىن توپ كىرگۈزدى، كوماندا ئەزاسى فابرىگاس ئىككى توپ كىرگۈزدى؛ مۇسابىقە ئاخىرىدا خان جەمەتى بېتتس كوماندا ئەزاسى مۇرىنا بىر توپ كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن بارسېلونا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 4-1 نەتىجە بىلەن خان جەمەتى بېتتس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈچ نومۇر پەرق ئۈستۈنلۈك داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

بارسېلونا كوماندىسى رەقىبى بىلەن يېقىندا ئىلىپ بېرىلغان ئالتە مەيدان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلەشكەن. ئىككى كوماندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقە تارىخىدا 96 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بارغان بولۇپ، بارسېلونا كوماندىسى 56 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 20 مەيدان تەڭلىشىپ، 20 مەيدان ئۇتتۇرۇپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قارشى تەرەپ مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە بولسا 19 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 13 مەيدان تەڭلىشىپ، 16 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان.

  • يوللىغۇچى : ئەكرەمجان
  • پايدىلانغان ماتىريال : ئىنترنت تورى
  • يوللانغان ۋاقتى :2013-11-13
  • خاتالىق تۈزىتىش

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ئادىلجان سۇلايمان ھەققىدە
كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى، <<1-ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى.
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ
قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ياڭ لىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن، ئۇ 1996- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئانلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەرنىڭ 10 مېتىردىن كۆچمە نىشانغا ئېتىش
يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى
ساھىل ۋالىبولى26.يەلكەنلىك كېمە27.تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈرلۈك تەنھەرىكىتى28.قورغان توپ29. تەنتەربىيە ئۇسسۇلى30.تەپمە فوكس
شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى پاپۇز مۇسابىقىسى
بىر توپ ياشلار قوللىرىدا باش قىسىمى ئەگرى كالتەكنى تۇتىۋېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن بىر تال ئاق توپنى تالاشماقتا. بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى ھازىرقى زامان خوككىي توپىغا ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ.

يېقىنقى پائالىيەتلەر